باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز پۇقرالىرى ساياھەتكە بارىدىغان دۆلەت ۋە رايون 150 كە يەتتى

2014.04.26 01:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شاۋ چىۋېي 24-ئاپرېل ئېچىلغان بۇ يىللىق دۇنيا ساياھەت سەپىرى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز ساياھەتچىلىكى تېزدىن دۇنياغا يۈزلەندى، ئېلىمىز بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتى، دۇنيا ساياھەتچىلىك كېڭىشى، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايون ساياھەت جەمئىيىتى قاتارلىقلار قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتتى. جۇڭگو ساياھەتچىلىكىدە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندە بەرگەن ۋەدە تولۇق نەقلەشتى، بىر قانچە ساھەدە يەنە بىر يۈرۈش تەشەببۇسكار، جانلىق تەدبىرلەر قوللىنىلدى. ھازىرغىچە، 150 دۆلەت ۋە رايون جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ساياھەت نىشانىغا ئايلاندى. شاۋ چىۋېي مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئېلىمىز ئىچىدىكى ساياھەتچى ئۈچ مىليارد 260 مىليون ئادەم قېتىمغا، چېگرىدىن چىققان ساياھەتچى 98 مىليون 190 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى. ساياھەتنىڭ ئاممىۋىلىشىش، راھەتلىشىش تەرەققىيات يۈزلىنىشى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر