باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ دانىيەنىڭ ئايال پادىشاھى مارگېرېت ئىككىنچى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2014.04.25 13:23   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

شى جىنپىڭ دانىيەنىڭ ئايال پادىشاھى مارگېرېت ئىككىنچى بىلەن سۆھبەتلەشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24-ئاپرېل خەلق سارىيىدا دانىيەنىڭ ئايال پادىشاھى مارگېرېت ئىككىنچى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-دانىيە دوستانە ئالاقە ھەمكارلىقىنى خۇشاللىق بىلەن ئەسلىدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسىنى بىرلىكتە ئېچىشنى قارار قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئايال پادىشاھ ئالىيلىرى 1979-يىلى جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغاندىن كېيىن جۇڭگودا تۇنجى قېتىم قېتىم زىيارەتتە بولغان چەتئەل رەھبىرى بولۇپ قالغان ئىدى. ئارىدىن 35 يىل ئۆتكەندە، سىز جۇڭگو ئىسلاھاتنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتقان پەيتتە يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە كەلدىڭىز. سىزنىڭ ئىككى قېتىملىق زىيارىتىڭىز-جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ قەدەم تاشلاشتىن چوڭقۇرلىشىشقا قاراپ ماڭغان تارىخىي مۇساپىسىگە شاھىت بولدى شۇنداقلا جۇڭگو-دانىيە مۇناسىۋىتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. سىز-جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، بىز سىز ۋە دانىيە خان جەمەتىنىڭ جۇڭگو-دانىيە دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيمىز. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو دانىيە بىلەن سىياسىيدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن دانىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. نۆۋەتتە، جۇڭگو يېڭىچە سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم مەزگىلىدە تۇرماقتا، مەبلەغ سېلىش ۋە ئىستېمال ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. دانىيەنىڭ يۇقىرىقى ساھەلەردە ئەۋزەللىكى بار. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق ئىستىقبالى پارلاق، بۇ جەھەتتە چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. ئىككى تەرەپ سودا، مەبلەغ سېلىش، يېزا ئىگىلىك، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە تېجەپ، مۇھىت ئاسراش، شىمالىي قۇتۇپ تەتقىقاتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى پائال كېڭەيتىپ، ياشلار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساياھەت، تەنتەربىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بالدۇرراق ئۆز ئارا مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو بۇ يىل كۈزدە جۇڭگودا دانىيە مەدەنىيەت پەسلى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-شىمالىي ياۋروپا ھەمكارلىقىغا داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگو-ياۋروپا خادىملىرىنىڭ ئالاقىسىنى قولايلاشتۇرۇش، مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتى، ئەركىن سودا رايونى ئەمەلىي تەتقىقاتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى كېرەك. سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا مارگېرېت ئىككىنچىنىڭ شەرىپىگە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئوقۇغۇچى مەنبەسى كىرىزىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىنتىزامىغا خىلاپ كۆچۈرمىچىلىك قىلمىشى ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ سەمىمىيەت ئارخىپى…
      ·بېيجىڭ ساقچى تەرەپ تۇنجى قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسىنى قوراللىق چارلايدۇ، تاساددىپىي ھادىسى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرى يېڭىلانمايدۇ
      ·يۈ جېڭشېڭ: كەسپىي مائارىپ مەسىلىسى مائارىپ مەسىلىسىلا ئەمەس، يەنە مۇھىم خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى ۋە ئى…
      ·بۇ يىل 28 ئۆلكىدە ياقا يۇرتتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىش يولغا قويۇلدى
      ·2014-يىلى مەملىكىتىمىز بويىچە 9 مىليون 390 مىڭ ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى: نۆۋەتتە ھوقۇق-پۇل سودىسى ئا…
      ·مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسى قايتا تەكشۈرۈلىدۇ، ئالاھىدە تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قى…