باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋىتى ۋە دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسى

2014.04.26 01:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابىشىنزو بىلەن ئامېرىكا پرېزدېنتى ئوباما 24-ئاپرېل توكيودا ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ باشلىقلار سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. ئوباما ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، 24-ئاپرېل ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە باشلىقلىرى بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا ياپونىيە بىخەتەرلىك قوغداش شەرتنامىسىنى دياۋيۈ ئارىلىغا تەتبىقلاشقا بولىدۇ دېدى. بۇ سۆز ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىسىز.

  دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللار جۇڭگونىڭ زېمىنى. جياۋۇ ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيە تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا ياپونىيەگە بەرگەن. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىغا پايدىسى بولمىسىمۇ، ياپونىيەنىڭ دياۋيۈ ئارىلىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بار، دېمەكتە،لېكىن ئامېرىكا مەزكۇر ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق تەۋەلىكى مەسىلىسىدە مەيدانىنى بىلدۈرمىدى. قاھىرە خىتابنامىسى قاتارلىق خەلقئارا ئەھدىنامىلەردە جۇڭگونىڭ دياۋيۈ ئارىلىغا قارىتا مۇنازىرىسىز ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكى ئېنىق بىلدۈرۈلگەن ئەھۋال ئاستىدا ، ئامېرىكا دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە پوزىتسىيىسىنى ئېنىق بىلدۈرمەيۋاتىدۇ، ھەتتا ياپونىيەنى قوغداشقا ياردەم بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. بۇ شەكشۈبھىسىزكى خەلقئارا قانۇن مىزانى ۋە روھىغا ئېغىر خىلاپ.

  ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا جامائەتچىلىكى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئوبامانىڭ ئىپادىسىدە ئەمەلىيەتتە باشقا غەرەز بار. ئېھتىمال ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق بولىۋاتقان بولىشى، ياپونىيەنىڭ ياردىمىگە تايىنىش ئويىدا بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىساد شېرىكلىك كېلىشىمى سۆھبىتىنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. ئوباما ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە بىخەتەرلىك كاپالىتى مەسىلىسىدە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ياپونىيىنىڭ ئىقتىساد جەھەتتە يەنىمۇ يول قويۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش نىيىتىدە بولماقتا.

  ئامېرىكا ياخشى ئويلىغاندەك قىلغان بىلەن نەتىجىسى كۈتكىنىدەك بولمىدى. ئابىشىنزونىڭ ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى بولغاندىن كېيىنكى ھەرىكىتىگە قارايدىغان بولساق، دياۋيۈ ئارىلى قاتارلىق مەسىلىلەردە كرىزىس پەيدا قىلدى، ھەتتا ھەربىي توقۇنۇشتىن ئىبارەت يامان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش نىيىتىمۇ ھەممىگە ئايان.بىراق ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى يېقىنقى مەزگىلدە دياۋيۈ ئارىلى قاتارلىق نازۇك مەسىلىلەردە ياپونىيەنى قوللىماقتا، ئابىشىنزو ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۈرۈش خەتەرلىك ھەرىكەتلىرى كىشىلەرگە باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. كىشىلەر شۇنىڭدىن ئەنسىرەيدۇكى ، ئامېرىكا غەرەزلىك ياكى غەرەزسىز ياپونىيەگە خاتا سىگنال بېرىپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا بولغان بۇزغۇنچىلىقنى يەنىمۇ زورايتماقتا. گەرچە ئامېرىكا ياپونىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىدە دوستانە پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسى ئامېرىكىنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە ئاپتوموبىل بازىرىغا ئىجازەتلىك كىرىش شەرتى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەردە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىختىلاپى زورايدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلار ئۇچرىشىشى سۆھبىتىدىن كېيىن قەرەلىدە ئورتاق بايانات ئېلان قىلالمىدى.

  ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى يەر شارى بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىدىكى ئاچقۇچلۇق رايون. ئوباما ئوتتۇرىغا قويغان ئاسىياغا قايتىش مۇھىم ئويلىنىشلىرىنىڭ بىرى مەزكۇر رايوننىڭ ئىقتىسادىنىڭ تىز، مۇقىم ئىشىدىن پايدىغا ئېرىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش. بىراق ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر تەقدىرداش ، مەزكۇر رايوننىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىدا بىر بىرىگە ئىشىنىش، ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش، باراراۋەر، ھەمكارلىشىدىغان ئاسىيا يېڭى بىخەتەرلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك.

  ئامېرىكا ياپونىيە بىخەتەرلىك قوغداش شەرتنامىسى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ھاسىلاتى. بۈگۈنكى ئاسىيانىڭ ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. تىنچ ،تەرەققىيات، ھەمكارلىشىدىغان دەۋر ئېقىمىغا ماس كەلمەيدۇ. ئابىشىنزو ھاكىمىيىتىنىڭ خاتا يېتەكچىلىكىدە،ياپونىيە ھۆكۈمىتى ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك يولىدا بارغانسېرى يىراقلاشماقتا.ئامېرىكىنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزمەكتە. بۇ ئۆزىنىڭ پايدسىغىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر