باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭى ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى›› ھەققىدە يەشمە (8)

لى چۈنشيا

2014.04.25 09:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ]ئارقا كۆرۈنۈش[

  ‹‹كوللېكتىپ ئىستېمال ۋەقەسى›› جامائەت پاراۋانلىقى دەۋاسى قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى

  رېئال تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئىستېمالچى ھوقۇقى دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىسا، ھوقۇقىنى قوغداشتىن ھەمىشە ۋاز كېچىدۇ، ھوقۇقىنى قوغداش تەننەرخىنىڭ يۇقىرى بولۇشى بۇنىڭ بىر سەۋەبى. مەسىلەن، يېمەك – ئىچمەك ساھەسىدىكى ‹‹بىرلا قېتىم ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفېكسىيەلەنگەن قاچا – قۇچىلاردىن ھەق ئېلىش›› قاتارلىق مۇشتۇمزور ماددىلار ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسىمۇ، بىر يۈەن ئۈچۈن ۋاقتى ۋە زېھنىنى سەرپ قىلىپ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ئىستېمالچىلار ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. شۇڭا ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىغا چېتىلىدىغان، يەنى ئادىل، مۇۋاپىق بولمىغان مۇشتۇمزور ماددىلار، ساختا ئېلان ياكى ساختا تەشۋىقات قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان قىلمىشلار توغرىسىدا جامائەت پاراۋانلىقى دەۋاسى قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر ھېسابلىنىدۇ.

  جامائەت پاراۋانلىقى دەۋاسى ھەق تەلەپ جامائەت پاراۋانلىقى دەۋاسى، ئەدلىيە جامائەت پاراۋانلىقى دەۋاسى ۋە مەمۇرىي جامائەت پاراۋانلىقى دەۋاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۈملىدىن ئالاھىدە بەلگىلەنگەن سۇبيېكت قانۇندا بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن، قانۇن – نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىش، دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى ياكى باشقا ئالاھىدە بەلگىلەنگەن كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى توغرىسىدا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنىدۇ، سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قانۇنىي جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرىدۇ.

  ]يارقىن نۇقتا[

  ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى جامائەت پاراۋانلىقى دەۋاسى قىلسا بولىدۇ

  يېڭى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››نىڭ 47 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەندى: جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى، شۇنداقلا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئىستېمالچىلار جەمئىيەتلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغاندا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.

  ]دېلو مىسالى[

  نۇرغۇن ئىستېمالچى ھوقۇقى دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىسا دەۋا قىلمايدۇ

  دوستلىرىنى ئاشپۇزۇلدا مېھمان قىلغان دۇ ئەپەندى ھېسابات قىلغاندا ئاشپۇزۇلنىڭ 24 يۈەننى ئارتۇق ئېلىۋالغانلىقىنى بايقايدۇ. دۇ ئەپەندى بۇ 24 يۈەننىڭ بىرلا قېتىم ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفېكسىيەلەنگەن قاچا – قۇچا ئۈچۈن ئېلىنغانلىقىنى بىلىپ، ئاشپۇزۇلنىڭ بۇنداق مەجبۇرىي ئىستېمال قىلدۇرۇش ئەھۋالى قانۇنسىز قىلمىش، لېكىن 24 يۈەن ئۈچۈن سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ دەۋالىشىشقا ئەرزىمەيدۇ، دەپ قاراپ، بۇ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمايدۇ.

  ]يەشمە[

  جامائەت پاراۋانلىقى دەۋاسى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام تۈزۈشتىن مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ئىستېمال ھوقۇقىنى قوغداش مەخسۇس كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››دا ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى دەۋاسى قىلىش ھوقۇقى بار، دەپ بەلگىلەنگەنلىكى قانۇن تۈزۈشتە يېڭىلىق يارىتىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ بىر يېڭى يارقىن نۇقتا. ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن 2013 – يىلى 6 – ئايدا جەمئىيەتتىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىنغاندا، شىنجاڭ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەخسۇس كومىتېتى جامائەت پاراۋانلىقى دەۋاسى قىلىشنى قانۇنغا كىرگۈزۈش پىكرىنى بەردى، كېيىن بۇ پىكىر يېڭى ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››غا كىرگۈزۈلدى.

  يېقىنقى يىللاردا ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلىنغان كوللېكتىپ ئىستېمال ۋەقەلىرى توختىماي يۈز بېرىپ، خېلىلا كۆپ ئىستېمالچىنىڭ ھوقۇقى دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇلار ئىسپات كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، ھوقۇقىنى قوغداش تەننەرخى يۇقىرى بولۇش تۈپەيلى ھوقۇقىنى قوغداشتىن ۋاز كەچتى. ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش ئۈچۈن، ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش زۆرۈر. شۇڭا يېڭى ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››دىكى ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى جامائەت پاراۋانلىقى دەۋاسى قىلسا بولىدۇ، دېگەن بەلگىلىمە ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى خۇسۇسىيىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى ھەم ئىستېمال ھوقۇقىنى قوغداشقا تېخىمۇ راۋان يول ھازىرلىدى.

  لى شىن مۇنداق دېدى: يېڭى ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››نىڭ 47 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەندى: جامائەت پاراۋانلىقى دەۋاسى قىلىش ھوقۇقى جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىگە بېرىلدى، ھوقۇق بەكلا مەركەزلىشىپ قالسا، رايون ۋە ساھەلەرنىڭ ھوقۇقنى قوغدىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، جامائەت پاراۋانلىقى دەۋاسى قىلىش ھوقۇقى ھازىرچە تېخى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دەۋا تەرتىپى ۋە دېلو بېجىرىش تەرتىپى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇلمىدى، قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقى تېخى يېتەرسىز. مەسىلەن، جامائەت پاراۋانلىقى دەۋاسىنىڭ دەۋا ھەققى مەسىلىسى، دەۋا تەرتىپىدە قولايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەكمۇ – يوق، دېگەندەك مەسىلىلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش زۆرۈر.

  لى شىن مۇنداق دېدى: جامائەت پاراۋانلىقى دەۋاسى كوللېكتىپ ئىستېمالغا قارىتىلغان، يەككە ئىستېمال ھوقۇقىنى قوغداشتا يەنىلا ئىستېمالچىلار ئۆزلىرى ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر