ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 27–ئاپرېل خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەنگلىيەلىك ئايال چېرىل پرۇدخام بىر جۇپ قوشماققا قورساق كۆتۈرگەندىن كېيىن تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇۋېتىشنى، خىزمەتكە يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىشنى قارار قىلغان. ھازىر، بۇ ئانىنىڭ توققۇز بالىسى بار بولۇپ، يىلىغا ھۆكۈمەت بەرگەن ياردەم پۇلىلا 38 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 398 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) غا يېتىدىكەن.
كېنت دېگەن يەردە تۇرۇدىغان 32 ياشلىق چېرىل ۋە ئۇنىڭ 29 ياشلىق ئېرى روب ئاللىقاچان توققۇز بالىغا ئاتا-ئانا بولغان. ھازىر، ئۇلار يىلىغا ئالىدىغان ياردەم تولۇقلىما پۇلى 38 مىڭ فوندستېرلىڭغا يېتىدۇ. ئەمدى بۇ قوشماقلار تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇلار يىلىغا ئالىدىغان تولۇقلىما پۇل 40 مىڭ فوندستېرلىڭغا بارىدۇ. 2000 – يىلى، 17 ياشلىق چېرىل تۇنجى بالىسىنى تۇغقان ئېدى. ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇ ئالدىنقى يىگىتى بىلەن ئىككى بالا تۇغدى. كېيىن، ئۇ يەنە ئۈچ قېتىم تاسادىپىي ھامىلىدار بولۇپ قالدى. 2009 – يىل ئۇ ھازىرقى ئېرىنى ئۇچراتتى ھەمدە ئۇنىڭغا ئۈچ بالا تۇغۇپ بەردى. چېلىرنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشنى ياقتۇرمايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق دورىلار ئۇنىڭغا كار قىلمايدىكەن، شۇڭا ئۇ كۆپ قېتىم تاسادىپىي ھامىلىدار بولۇپ قالغان.
چېلىر ئۆزىنىڭ شۇنچە كۆپ بالىلىق بولغانلىقى ۋە شۇنچە كۆپ سوممىلىق ياردەم پۇلى ئالىدىغانلىقىدىن قىلچىمۇ خىجىللىق ھېس قىلمىغان. ئۇ مۇنداق دېدى، «1 – دىن، مەن كۈندە دېگۈدەك ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت خىزمەت قىلىمەن. 2 – دىن، مەن بۇ بالىلارنى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇۋېتىمەن. مەن بىر جۇپ قوشماققا قورساق كۆتۈرگىنىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن ، بۇنىڭ باشقىلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. مېنىڭ ئۆز تۇرمۇش يولۇمنى تاللاش ھوقۇقۇم بار. مەن باشقىلارنىڭ قانداق قارىشىغا پىسەنت قىلمايمەن. 11 بالا يېتەرلىك، مەن تېخىمۇ كۆپرەك ۋاقىتنى خىزمەتكە قارىتىشنى ئويلايمەن». تېخىمۇ چوڭراق ئۆيگە كۆچۈپ كىرىش ئۈچۈن بۇ ئەر خوتۇنلار قوشۇمچە خىزمەتلەرنىمۇ قىلىۋاتقان بولۇپ، ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن ھەپتىسىگە 20 سائەت ئىشلەيدىكەن.