خالىدە ئوبۇل خەۋەر قىلىدۇ: مىللەت ھالقىغان چوڭقۇر مۇھەببەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىسى ھەنىپە ئالىمئاخۇننىڭ ئالتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان 19 بالىنى چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقانلىقىدەك تەسىرلىك ھەقىقىي ۋەقەلىككە ئاساسەن ئىشلەنگەن ‹‹مېھىر – مۇھەببەت›› ناملىق فىلىم 28 – ئاپرېل ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىم قويۇلدى. بۇ فىلىم يېقىندا ئۈچ خىل تىلدا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قويۇلىدۇ، 13 – ماي بېيجىڭدا قويۇلغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلىدۇ.
‹‹مېھىر – مۇھەببەت›› ناملىق بۇ فىلىم ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشلەنگەن نۇقتىلىق فىلىم ھېسابلىنىدۇ، تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى ئىشلىگەن بۇ فىلىمدە ھەنىپە ئانىنىڭ مىللەت ھالقىغان مېھىر – مۇھەببىتى، تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاساسلىق فىلىم ئىجادىيەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ھەنىپە ئالىمئاخۇننىڭ بالىلارغا سىڭدۈرگەن مېھىر – مۇھەببىتى مىللەت ھالقىغان چەكسىز مۇھەببەتتۇر. بۇنداق مۇھەببەتتە مەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن دۇنياۋى مەدەنىيەت گەۋدىلىنىدۇ.