باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گوللاندىيە 1890-يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى پادىشاھ بايرىمىنى كۈتۈۋالدى(1)

2014.04.29 15:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 27-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 26-ئاپرېل گوللاندىيە 1890-يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى پادىشاھ بايرىمىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، گوللاندىيە پادىشاھى ۋىليام ئالېكساندر (William - Alexander) ۋە خانىش ماكسىما (Maxima) ھەمدە گوللاندىيەنىڭ سابىق ئايال پادىشاھى بىترىكىس (Beatrix) قاتارلىق خان جەمەتى ئەزالىرى شۇ كۈنىدىكى «ئايلىنىش» پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  ئۆتكەن 120 يىل مابەينىدە، گوللاندىيە ئەزەلدىن ئايال پادىشاھنىڭ «ھەمراھلىقى» دا بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا گوللاندىيە ئايال پادىشاھى بىترىكىس رەسمىي ھالدا تەختنى بوشاتقاندىن كېيىن، گوللاندىيە ئايال پادىشاھ مەزگىلىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پادىشاھ دەۋرىگە كىرگەن.

  26-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن گوللاندىيە پادىشاھى ۋىليام ئالېكساندر قاتارلىق خان جەمەتى ئەزالىرى ئامىستېردامنىڭ ئەتراپىدىكى بىر كىچىك بازار دېلايپۇ (De Laipu) بازىرىدا نامايان بولدى. پادىشاھ ۋىليام ئالېكساندر ۋە خانىش ماكسىما دېلايپۇ بازىرىدا گوللاندىيەنىڭ يەرلىك كىچىك ئويۇنلىرىنى ئويناشقا قاتناشتى. گولاندىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئامىستېردام شەھىرى پادىشاھ بايرىمى كۈنى «قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك دېڭىز» غا ئايلاندى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر