باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شياڭياڭ شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە مەۋقەنى خەلق تۇرمۇشىغا قاراتتى

2014.04.28 08:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خۇبېي ئۆلكىسى شياڭياڭ شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.ئىستانسىمىزنىڭ شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ ھەمكارلىشىشى ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى خەۋەر قىلىش ئۆمىكى يەرلىك بىلەن شىنجاڭ شىزاڭغا ياردەم بېرىش ئەھۋالى ئۈستىدە ئالاقىلەشتى. شياڭياڭ شەھەرلىك شىنجاڭ شىزاڭغا ياردەم بېرىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى، شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، كارخانا ساھەسى، شىزاڭغا ياردەم بېرىش پىدائىيلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شياڭياڭ شەھىرى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى شەننەن ۋىلايىتى چوڭجيە ناھىيىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىڭ ناھىيىسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىدۇ. شياڭياڭ شەھىرى شىزاڭغا ياردەم بەرگەن 19 يىلدىن بۇيان،67 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 84 تۈرگە ياردەم بېرىپ، چوڭجيە ناھىيىسىنىڭ قاتناش قۇلايسىزلىقى، ئۇچۇردىن خەۋەردار بولالماسلىقى،ئاممىۋى ئەسلىھە قالاقلىقى ۋەزىيىتىنى ياخشىلىدى. بۇ ناھىيىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقى، تىز تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە،شياڭياڭ شەھىرى شىزاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدە دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق رايونلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ناھىيىنىڭ 20 يىللىق تەرەققىياتىنى ئىلمىي پىلانلىغان. مەبلىغىنىڭ %70 دىن كۆپرەكىنى دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق رايونلىرىغا سالغان.ياردەم بىلەن قۇرۇلغان تۈرلەرنىڭ دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق رايونلىرىنى قاپلاش نىسبىتى%60 گە يېتىپ،%70 دېھقان چارۋىچىغا نەپ يەتكۈزگەن. بۇ يىلدىن باشلاپ شياڭياڭ شەھىرى يەنە گېساڭ گۈلى پىدائىيلار پائالىيەت ئەترىتىنى تەشكىللەپ، ئالتە مۇنەۋۋەر ستۇدېنتنى تاللاپ چوڭجيە ناھىيىسىدىكى نۇقتىلىق ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپتە ساھەلەر بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا ئەۋەتكەن. ھازىر تاللاپ ئۆستۈرۈلگەن 10 نامزات ئوبيېكتى 1-مايدىن كېيىن شىزاڭغا بارىدىكەن.

  شياڭياڭ شەھىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش جەھەتتە مەۋقەنى خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە مەشغۇلاتچانلىققا قارىتىپ، بەش يىللىق نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانىنى تۈزدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن شەھەر جىڭ ناھىيىسىنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش تۈرىگە 13 مىليون 400 مىڭ يۈەن ياردەم بېرىپ،شۇ يەرنىڭ تۇرالغۇ يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋە مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلىدى. ئۇندىن باشقا شياڭياڭ شەھىرى جىڭ ناھىيىسىنىڭ قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم بازار بولۇش ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك ئۈستۈنلىكىگە توغرا قاراپ، ئۇنى شياڭياڭ شەھىرىنىڭ كەسىپ، بايلىق ئۈستۈنلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كۆلەملەشكەن كەسىپلەرنى دادىللىق بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جىڭ ناھىيىسىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى گۆھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا بالدۇرراق كۈچ چىقىرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر