باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرى يىغىنىنىڭ 4-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

2014.04.30 19:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دىپلوماتىيەمىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ 29-چېسلا رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرى يىغىنىنىڭ 4-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە جۇڭگونىڭ شاڭخەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇچرىشىشنىڭ باش تېمىسى ‐‐ «سۆھبەت، ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تىنچىلىق، مۇقىملىق ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدىكى يېڭى ئاسىيانى ئورتاق قۇرۇپ چىقىش». جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىدۇ ۋە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرى يىغىنىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ رەھبىرى ياكى ۋەكىلى، مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە يىغىن مېھمانلىرى تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتنىشىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر