باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ئاساسلىق خەتەرلىك يول بۆلەكلىرى ۋە ۋەقە كۆپ سادىر بولىدىغان نۇقتا (يول) لارنى ئېلان قىلدى

2014.04.29 15:57         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  28–ئاپرېل ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسلىق خەتەرلىك يول بۆلەكلىرى ۋە ۋەقە كۆپ سادىر بولىدىغان نۇقتا (يول) لارنى ئېلان قىلىپ ، شوپۇرلارنىڭ بۇ يوللاردا ماڭغاندا ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى كونترول قىلىشىنى ، خالىغانچە يول ئۆزگەرتمەسلىكى ۋە يول ياقىسىدا ئاپتوموبىلىنى توختىتىپ دەم ئالماسلىقىنى ئەسكەرتتى .

  ۋەقە كۆپ يۈز بېرىدىغان نۇقتا (يول) لار ليەنيۈنگاڭ – قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغىچە بولغان بۆلىكى ، ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغىچە بولغان بۆلىكى ، G3012 لىنىيەسى توقسۇن ناھىيەسىدىن كورلا–ئاقسۇغىچە بولغان يول بۆلىكى ، قەشقەردىن قاغىلىق ناھىيەسىگىچە بولغان بۆلىكى ؛ دۆلەت يولى 216 لىنىيەسىنىڭ جىمىسار ناھىيەسى ، كۆكتوقاي ناھىيەسى بۆلىكى ؛ G314 لىنىيەسىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدىن خوتەن شەھىرىگىچە بولغان بۆلىكى ، S201 لىنىيەسىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسى قاراشلىق رايونى ، S221 لىنىيەسى دۆربىلجىندىن تولى ناھىيەسىگىچە بولغان بۆلىكى .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر