باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«سېۋول» ناملىق پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى كورېيەنى قايتا ئويلاندۇردى

2014.04.29 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيەدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرىمىز ۋەن يۈ خەۋىرى

  4-ئاينىڭ 28-كۈنى، كورېيەنىڭ «سېۋول» ناملىق پاراخوتى چۆكۈپ كەتكەن سۇ يۈزىگە تۆت قىزىل قۇتقۇزۇش قولۋىقى لەيلەپ چىقىپ قالدى. «سۇغا چۈشكەن ھامان ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىدۇ» دەپ تەرىپلەنگەن قۇتقۇزۇش قولۋاقلىرىنىڭ ھادىسە يۈز بەرگىنىگە 13 كۈن بولغاندا ئېچىلىشى تولىمۇ كېچىككەنلىك ئىدى. ھازىرغا قەدەر، «سېۋول» ناملىق پاراخوت ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 189غا يەتتى، يەنە 113 ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى يوق.

  «سېۋول» ناملىق پاراخوت چۆكۈپ كەتكەندىن كېيىن، كورېيە جەمئىيىتى ھادىسە كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھادىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ۋە ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئاشكارىلانغان مەسىلىلەر ھەققىدە چوڭقۇر ئويلاندى ھەمدە مۇشۇنداق ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللاندى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر