باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىشى ئوكرائىنا ۋەزىيتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

2014.04.29 15:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ خەلقئارا جەمئىيەت بولۇپمۇ غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىشى كۈچەيدى، يېقىندىن ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئارقىلىق ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش قىيىنغا توختايدۇ.

  ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بىدىن 22-ئاپرېل ئۇكرائىنادىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئۇ زىيارەت مەزگىلىدە ئۇكرائىنانىڭ پىرېزىدېنتىلىق ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۆتەۋاتقان پارلامېنت باشلىقى، باش مىنىستىرى، پارلامېنتتىكى ھەر قايسى پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. بىدىن كۆرۈشۈشتە ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ۋە دېموكراتىيىلىشىش يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى قايتا قايتا تەكىتلىدى، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، بىخەتەرلىك قاتارلىق ساھەلەردە ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە رۇسىيىگە تەھدىت سېلىشنى ئۇنتۇپ قالىدى. بىراق ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونى ۋەزىيىتى يۈكسەك جىددىيلىشىۋاتقان ئەھۋالدا بىدىن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىدىن بۇ قېتىمقى سەپىرى ئارقىلىق ئۇكرائىنا بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتكە مۇنداق تۆت ئۇچۇرنى يەتكۈزمەكچى بولدى. 1-: ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغان مەيدانىنى قايتا تەكىتلەش. بىدىن، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيىنىڭ قىرىمنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلىقىنى مەڭگۈ ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى، بىرلىككە كەلگەن ئۇكرائىنا ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. 2-: ئۇكرائىنانى شەرتلىك ھالدا ئومۇميۈزلۈك قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش. بىدىن بىخەتەرلىك ساھەسىدە بېرىدىغان ياردەم سوممىسى، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ياردەم پىلانى، سىياسىي ساھەدىكى كونكرېت ئۇسۇلىنى جاكارلىدى. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا بىدىن ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنى ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشمەكچى بولسا، ھەقىقى دېموكراتىيىلىشىش يولىدا مېڭىشىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى سەمىگە سېلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. 3-: ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق غەرب ئەللىرىنى ئۇكرائىناغا ياردەم قولىنى سۇنۇشقا يېتەكلىدى. 4-: ئۆزىنىڭ ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىدەك نىيىتىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق رۇسىيىنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلىمەكچى بولدى. ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي رايونىدىكى قالايمىقان ۋەزىيەت بىلەن رۇسىيىنىڭ ئارقىسى بار دەپ ھېسابلىدى . بىدىن شۇڭا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونىدىكى قۇراللىق ئۇنسۇرلارنى داۋاملىق قوللايدىغان بولسا، ئۇ خەلقئارادا تېخىمۇ يىتىم قالىدۇ.

  ئۇكرائىنا، رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى 17-ئاپرېل جەنۋەدە ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا تۆت تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. ھەر قايسى تەرەپلەر بارلىق قانۇنسىز قۇراللىق تەشكىلاتلارنى قۇرالسىزلاندۇرۇش، كىشىلەردىن قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىنغان ئىمارەتلەردىن چېكىنىشنى تەلەپ قىلىش، قۇرال تاشلىغانلارنى كەچۇرۇم قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا كېلىشىمنى ھاسىل قىلدى. بىراق، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونىدىكى رۇسىيىگە سادىق كۈچلەر بۇ كېلىشىمنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ، قۇرال تاشلاشنىڭ تۈرلۈك شەرتلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر ھەتتا ئۇكرائىنادا فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ۋە رۇس تىلىنى ھۆكۈمەت تىلى ئورنىغا كۆتۈرۈش مەسىلىسىدە ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشدا چىڭ تۇردى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: رۇسىيە قوشۇلغان تۆت تەرەپ كېلىشىمى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونىنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن رۇسىيىگە سادىق كۈچلەرنىڭ مەيدانىنى پەسەيتەلمىدى، شۇڭا بىدىننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ۋە ئىپادىسىنىڭ ئەمەلىي رول ئوينىشىمۇ قىيىنغا توختايدۇ.

  نۆۋەتتە، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر بولماقتا. گەرچە دائىرلەر بۇ رايوندا ئارمىيە قاتناشقان ھەرىكەتنى يولغا قويۇپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە ئارمىيە بىلەن ساقچىلار ماسلىشىپ كىراماستۇسكى ئايرودرومىنىلا قايتۇرۇۋالدى. ئوندىن كۆپرەك شەھەرلىك ھۆكۈمەت، پارلامېنت، ساقچى ئىدارىسى، بىخەتەرلىك ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئىشخانا بىناسىنى يەنىلا قۇراللىق ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر ئىگىلەپ تۇرماقتا. ئۇكرائىنا ئارمىيە تەرەپ ئالتە برونېۋىك چىقىرىپ رۇسىيىگە سادىق قۇراللىق خادىملارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن كىراماتوسكى شەھەرنى قايتۇرۇۋالغان بولسىمۇ، بىراق ئارمىيە بۇ شەھەر رايونىغا كىرگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلمىدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونى كرىزىسىنى ھەل قىلىشتا، خەلقئارا ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئالدى بىلەن، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئۆز ئارا دۈشمەنلىشىش نىيىتىنى تۈگىتىپ، ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، سەمىمىي سۆزلىشىش ۋە يېقىندىن ھەمكارلىشىشى كېرەك . تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئۇكرائىنانىڭ قالايمىقان ۋەزىيىتى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئىلىشىشنى ئەكس ئەتتۈردى. سوغۇق مۇئامىلە ئۇرۇش تەپەككۇرىدىن قول ئۈزگەندىلا، ئۇكرائىنادىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىش شەرتىنى ئاندىن ھازىرلىغىلى بولىدۇ.

  مەملىكەت ئىچىگە قارتا تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئۇكرائىنا دائىرىلىرى شەرقىي قىسىم رايونىدىكى رۇسىيىگە سادىق ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ تەلىپىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىنى قاندۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر