باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىسى سىستېمىسىدىكى 355 كادىر-ساقچى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىندى

2014.04.30 19:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمسى يېقىندا مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈشىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىسى سىستېمىسىدا 17 مىڭ 152 قېتىم نازارەتچىلىك، تەكشۈرۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، «سوغۇق، قوپال، ئۆكتەم بولۇش»، «يەۋېلىش، ئېلىۋېلىش، بېسىپ قويۇش، تەلەپ قىلىش»، «چاكىنا، ھورۇن، چېچىلاڭغۇ، راھەتپەرەس بولۇش»، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئېچىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغا بېرىش، ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەردىن 333نى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، 355 كادىر-ساقچىنى بىرتەرەپ قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە، 80 كىشىگە ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن، 177 كىشى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەنگەن، 67 كىشىگە باشقا جازا بېرىلگەن، 31 كىشىنىڭ جازاسى كەچۈرۈم قىلىنغان. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر