باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

زۇڭلى لى كېچياڭ 27-ئاپرېل چۇڭچىڭنىڭ ۋەنجۇۋدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2014.04.29 15:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زۇڭلى لى كېچياڭ 27-ئاپرېل چۇڭچىڭنىڭ ۋەنجۇۋدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ پورت ۋە پىرىستانغا بېرىپ ئامما بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ جېڭتۇڭ ئالاقە شىركىتىنىڭ شۇ يەردىكى سەنشيا تۇغۇنى كۆچمەنلىرىنى كۆپلەپ ئىشقا قۇبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەن كۆپچىلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىشىغا ھەممىدىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلىمەن، ئىشقا ئورۇنلاشقاندىلا كىرىم بولىدۇ، تۇرمۇشمۇ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، دېدى.

  لى كېچياڭ ۋەنجۇۋ پىرىستانىدا ھامماللارغا سەمىمىي ھالدا مۇنداق دېدى: سىلەر قالتىس ئادەملەرسىلەر، ھەر بىر تىيىن پۇلنى قان تەرىڭلەرگە تايىنىپ تاپىسىلەر، سىلەر ئەمگەكچان جۇڭگو خەلقىنىڭ سىموۋىلى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەققىيات يۇشۇرۇن كۈچىگە، ئىلاستىكىلىققا ئىگە، ھەممىدىن مۇھىمى جۇڭگو خەلقى ناھايىتى ئىشچان. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ ئالغا ئىلگىرلەيدىغان، داۋاندىن، ئۆتكەلدىن ئۆتۆلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان، ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان «ھاممال» روھى بولۇشى كېرەك.

  لى كېچياڭ ۋەنجۇۋ پورتىدا كېمىگە چىقىپ، ئالتۇن سۇ يولىنى تەكشۈرگەندە، كېمىنىڭ پالوباسىغا چىقىپ، پورتنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە سۇ يولى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئەستايىدىل كۈزەتتى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن چياڭجياڭ دەرياسى ئالتۇن سۇ يولىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانى ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جياڭجياڭ ئالتۇن سۇ يولى شەرقىي، ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايوننى تۇتاشتۇرىدىغان، سۇ قاتنىشى ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك سۇ يولى، شۇڭا بۇ ئالتۇن سۇ يولىدىن پايدىلىنىپ، جياڭجياڭ دەرياسى بويى ئىقتىساد بەلۋىغى مارجىنىنى تۇتاشتۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر