باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: ئالتۇن سۇ يولىغا تايىنىپ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى قۇرۇش، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى مەۋقە قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى پىلانلاش كېرەك

2014.04.29 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرىل چۇڭچىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 28-چېسلا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ چۇڭچىڭدا سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ۋە ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىندا ئالتۇن سۇ يولىغا تايىنىپ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى قۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلەش تەتقىق قىلىندى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەپەككۇرى ۋە ئالاقىدار پىلانلىرىنى دوكلات قىلدى. شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۈي، جياڭشى، خۇبېي، خۇنەن، سىچۈەن، چۇڭچىڭ، يۈننەن، گۈيجۇ قاتارلىق چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىغا تەۋە ئۆلكە (بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش ھەققىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى دوكلات قىلدى. لى كېچياڭ كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى. (چېن ئېرخوۋ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر