باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىردا مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ 683 ئەزاسىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى

2014.04.29 15:55   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

مىسىردا مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ 683 ئەزاسىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى

  چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 28-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، مىسىردىكى بىر سوت مەھكىمىسى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ 683 نەپەر ئەزاسىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى Badia مۇ بار ئىكەن .

  بۇنىڭدىن باشقا ، بۇ سوت مەھكىمىسى بۇ يىل مارتتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان 529 نەپەر جىنايەتچى ئىچىدىكى 492 نەپىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمىنى قايتۇرۇۋېلىپ ، كۆپىنچىسىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتكەن .

  بۇ يىل مارتتا ، بۇ سوت مەھكىمىسى 545 جىنايەت گۇماندارىغا كوللېكتىپ سوت ئاچقان ، بۇ جىنايەت گۇماندارلىرى ‹‹زوراۋانلىق نامايىشىدا بىر ساقچىنى ئۆلتۈرگەن ، يەنە ئىككى ساقچىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان ، ساقچى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلغان ۋە باشقا زوراۋان قىلمىشلاردا بولغان ›› دەپ ئەيىبلەنگەن . 24-مارت ، بۇ سوت مەھكىمىسى سوت ھۆكۈمىنى ئېلان قىلىپ ، 529 ئادەمنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ، باشقا 16 كىشىنى گۇناھسىز ، دەپ قويۇپ بەرگەن .

  بۇلتۇر 3-ئىيۇل مۇرسى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغاندىن بۇيان ، مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىدىكىلەر توختىماستىن نامايىش پائالىيەتلىرىنى قوزغىغانلىقتىن ، مىسىر ۋەزىيىتى ئىزچىل تۈردە داۋالغۇش ھالىتىدە تۇرۇپ ، نۇرغۇن ئادەم قازا قىلغان ۋە يارىلانغان .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر


  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·«1-ماي»دىن كېيىن، بېيجىڭنىڭ مائارىپ خەرىتىسىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ
      ·«يانفون سىرتمىقى» غا چۈشۈپ قالغان ياشلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
      ·تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى: تۈركمەنىستان جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى …
      ·كورلا شەھىرىدە «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» خاتىرىلەندى(1)
      ·كورلا يېڭىشەھەر يېزا مەركىزىي مەكتەپ ئۈزگەن بالىلار باغچىسىدا بالىلارنىڭ «ئانا تىل» دا ھېكايە ئېيتى…
      ·كورلا شەھىرى بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 2-قېتىملىق «مەرىپەت لوڭقىسىنى تالىشىش…
      ·«ئوقۇغۇچىلار ئارقا ئىشىكتىن كىرىش» قىلمىشىنى تۈگىتىشتە، توسۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ
      ·قىرغىزىستان تۇرمۇشىدىكى جۇڭگوچە ئىستېمال 
      ·ئۇنۋان چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى قاچان ئىسلاھ قىلىنىدۇ؟ 
      ·ئاپتونوم رايون ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسىنى ماقۇللىدى