- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاشلىقتا ئۆزىنى ئۆزى قامداش سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ
2014.04.29 16:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئېلىمىز كەلگۈسىدە كۆپ مىقداردا ئاشلىق ئىمپورت قىلمايدۇ
بۇلتۇر ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى 602 مىليون توننىغا يەتتى. يېقىندا ئېلان قىلىنغان ‹‹جۇڭگونىڭ يېمەكلىك ۋە ئوزۇقلۇق تەرەققىيات تېزىسى(2014 – 2020)››دا بولسا، 2020 – يىلى جۇڭگونىڭ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنى 550 مىليون توننىدىن ئاشۇرۇپ مۇقىملاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نېمە ئۈچۈن نىشاندىكى مەھسۇلات مىقدارى ھازىرقىدىن تۆۋەن بولىدۇ؟
بۇلتۇر ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى 602 مىليون توننىغا يەتتى، يېقىندا ئېلان قىلىنغان ‹‹جۇڭگونىڭ يېمەكلىك ۋە ئوزۇقلۇق تەرەققىيات تېزىسى (2014 – 2020)››دا بولسا، 2020 – يىلى جۇڭگونىڭ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنى 550 مىليون توننىدىن ئاشۇرۇپ مۇقىملاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىر قىسىم تاراتقۇلار: جۇڭگونىڭ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى نىشانىنى ئىچكى ئىستېمال مىقدارىنىڭ سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بېكىتكەنلىكى جۇڭگونىڭ ئاشلىقتا ئۆزىنى ئۆزى قامداش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ ئاشلىق ئىمپورتى ئاشىدۇ، دېيىشتى. ئەھۋال راستىنلا شۇنداقمۇ؟ بۇ مەسىلە ھەققىدە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ خۇينى زىيارەت قىلدىم.
550 مىليون توننا ئەڭ تۆۋەن نىشان چېكى
جاڭ خۇي چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ‹‹تېزىس››تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹550 مىليون توننىدىن ئاشۇرۇش›› نىشانىدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتا كۆزدە تۇتۇلغان: بىرىنچى، بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان ئاشلىق ئاساسلىقى دانلىق زىرائەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يىل مەركەزنىڭ 1 – نۇمۇرلۇق ھۆججىتىدە ‹‹دانلىق زىرائەتلەردە ئۆزىنى ئۆزى قامداشنى، ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش›› ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ‹‹تىزىس›› نىڭ مەزمۇنى 1 – نومۇرلۇق ھۆججەت مەزمۇنى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ‹‹تېزىس››تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى نىشانى ئاساسلىقى دانلىق زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى 550 مىليون توننىدىن ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچى، بۇ ئەڭ تۆۋەن نىشان چېكى. 2013 – يىلى جۇڭگونىڭ ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 602 مىليون توننىغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ چوڭ دانلىق زىرائەتنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 543 مىليون توننا، ‹‹تېزىس›› تا تىلغا ئېلىنغان 550 مىليون توننىدىن ئاشۇرۇش نىشانى ئەڭ تۆۋەن نىشان چېكى بولۇپ، يۇقىرى چەكنى بېكىتمەسلىكتە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستىمالنىڭ قوش ئېشىش بوشلۇقى نەزەردە تۇتۇلغان، بۇ ھازىرقى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ۋە ئىستېمال مىقدارى بىلەن زىت ئەمەس. ئۈچىنچى، بۇ نىشان دۆلەت ئېلان قىلغان پىلان بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلدى. 2008 – ۋە 2009 – يىللىرى دۆلىتىمىز ‹‹دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلان تېزىسى (2020 – 2008 يىلىغىچە)››، ‹‹مەملىكەت بويىچە 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھازىرلاش يىرىك پىلانى(2009 – 2020 يىلىغىچە)››نى ئېلان قىلىپ، 2020 – يىلىدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش نىشانىنىڭ 540 مىليون توننا ۋە 550 مىليون توننا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ‹‹تېزىس›› نىشانىدا بۇ ئىككى يىرىك پىلاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان تولۇق نەزەرگە ئېلىندى.
ئۆزىنى ئاساس، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىشنى چىقىش قىلىش دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەۋقەسى
‹‹تېزىس››تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دانلىق زىرائەتلەردە ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنى ئۆزى قامداش، ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش جۇڭگونىڭ ئاشلىقتا ئۆزىنى ئۆزى قامداش پىرىنسىپىدا ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ – قانداق؟
جاڭ خۇي مۇنداق دېدى: ئېلىمىز ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش چىقىش قىلىنغان، ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنى ئۆزى قامدايدىغان ئاشلىق فاڭجىنىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو نوپۇسى كۆپ دۆلەت، 1 مىلياردتىن ئاشىدىغان نوپۇسنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە باشتىن – ئاخىر ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، خەلقئارا بازاردىكى دانلىق زىرائەت سودا مىقدارى جۇڭگونىڭ ئاشلىق ئىستېمال مىقدارىنىڭ ئارانلا يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ، جۇڭگونى تەمىنلىيەلەيدىغان ئىمپورت ئاشلىق بايلىقى ئىنتايىن چەكلىك، شۇڭا ئۆزىنى ئاساس، ئىچكى ئېھتىياجنى چىقىش قىلىش دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەۋقەسى ھېسابلىنىدۇ، بۇ جۇڭگولۇقلار تاماق قاچىمىزنى ھەر ۋاقىت ئۆز قولىمىزدا مەھكەم ئىگىلىشىمىز، تاماق قاچىمىزنى جۇڭگونىڭ ئاشلىقى بىلەن تولدۇرۇشىمىز كېرەك، دېگەنلىكتۇر.
بۇنىڭدىن باشقا، دانلىق زىرائەتلەردە ئۆزىنى ئۆزى قامداش، ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالدى بىلەن ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ مۇھىملىرىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت ئەۋزەل تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. جاڭ خۇي مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئاشلىق ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر جۇڭگونىڭ دانلىق زىرائەت مەھسۇلات مىقدارى ئىچكى ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %90 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن. دانلىق زىرائەتتە ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنى ئۆزى قامداش ئىشقا ئاشۇرۇلسا جۇڭگونىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. شۇڭا ‹‹تېزىس››تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دانلىق زىرائەتلەردە ئۆزىنى ئۆزى قامداشنى، ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش جۇڭگونىڭ ئىچكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى بوشاشتۇرىدىغانلىقىدىن ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەتنى يىنىكلىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
بۇلتۇر دانلىق زىرائەتلەرنىڭ ئىمپورت مىقدارى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ پەقەت %2.5 ىنىلا ئىگىلىدى
‹‹تېزىس››تا چېگرا سىرتى بولۇپمۇ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئالىدىغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئىمپورت – ئېكسپورت ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگونىڭ ئاشلىق ئىمپورت مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىپ، خەلقئارا بازارغا تېخىمۇ كۆپ تايىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟
جاڭ خۇي مۇنداق چۈشەندۈردى: بۇلتۇر ئېلىمىزنىڭ دانلىق زىرائەت ئىمپورت مىقدارى 15 مىليون توننىغا، سېرىق پۇرچاق ئىمپورت مىقدارى 60 مىليون توننىغا يەتتى، بۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل سەۋەب بار: بىرىنچى، ئىچكى ئېھتىياج. ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئاشلىق سۈپىتىنىڭ ياخشىلىنىشى، تۈرىنىڭ كۆپ خىللىشىشىغا بولغان ئېھتىياجىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا، بولۇپمۇ ئەلا سۈپەتلىك گۈرۈچ، بۇغدايلارنىڭ تەمىناتى يېتەرلىك ئەمەس، مۇۋاپىق مىقداردا ئىمپورت قىلىپ تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ؛ باقمىچىلىق، ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق كۆپ خىل ئىستېمال ساھەسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، مۇھىم يەم – خەشەك زىرائىتى، سانائەت خام ماتېرىيالى بولغان كۆممىقوناقنى يەنە بەلگىلىك مىقداردا ئېمپورت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىككىنچى، خەلقئارا ئاشلىق باھاسى نىسبەتەن ئەرزان. 2013 – يىلى 3 – پەسىلدە دۆلىتىمىزنىڭ بۇغداي، كۆممىقوناق، سوقىچاق شال باھاسى خەلقئارا بازاردىكى قىرغاقتىن ئايرىلىش باھاسىدىن %50 ، % 55، %66، نورما ئىچىدىكى ئىمپورت بېجىدىن كېيىنكى باھادىن %5، %6، %25 يۇقىرى بولدى. خەلقئارا ئاشلىق باھاسى تۆۋەن ۋاقىتتا، مۇۋاپىق مىقداردا بىر قىسىم ئاشلىقنى ئىمپورت قىلىش ھەم بازار قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ھەم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش يۈزلىنىشىگە ماس كېلىدۇ.
شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، گەرچە يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئىمپورت مىقدارى ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن دانلىق زىرائەتلەرنىڭ ئىمپورت مىقدارىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %2.5 بولۇپ، يۇقىرى ئەمەس، بىخەتەر دائىرە ئىچىدە . قارايدىغان بولساق، جۇڭگودا بۇغداي بىلەن شالنىڭ تەمىنلەش – تەلەپ ئېھتىياجى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇۋاتىدۇ، كۆممىقوناقنىڭ تەمىنلەش – تەلەپ ئېھتىياجى تەڭپۇڭلۇقى جىددىيرەك. يېقىنقى بىر قانچە يىلدا دۆلەت كۆممىقوناق ئىشلەپچىقىرىشنى سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، كۆلەم ۋە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇردى، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج يوچۇقىدا چوڭ ئۆزگىرىش كۆرۈلمىدى. 2013 – يىلى دۆلىتىمىزدە كۆممىقوناقتىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، مەھسۇلات 2 مىليون توننىدىن كۆپ ئاشۇرۇلدى، ئوخشاش پەسىلدىكى ئىمپورت مىقدارى 3 مىليون 266 مىڭ توننا بولۇپ، 2012 – يىلىدىكىدىن %40 تۆۋەنلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارنى بېيىتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ئېتىز – ئېرىق، سۇچىلىق قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى داۋاملىق ئاشۇرۇلىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان ئەھۋالدا، كەلگۈسىدە ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق تەمىنلەش – تەلەپ ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولىدىكەن، دانلىق زىرائەتلەرنى ئىمپورت قىلىش مىقدارىدا ئادەتتە زور كۆلەمدە ئېشىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر