باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىنىڭ ۋەزىيىتى يامانلاشتى(1)

2014.04.29 15:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئارقا-ئارقىدىن رۇسىيەنى 3-قېتىم جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئەھۋالدا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ۋەزىيەت يەنىمۇ يامانلاشتى، لۇگەنسىك «خەلق جۇمھۇرىيىتى»قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ھۆكۈمەتكە ئۇلتىماتۇم چىقاردى. دۇنىسېكتىكى نامايىشچىلار ئوبلاستىلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىناسىنى ئىگىلەپ، رۇسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ پىروگراممىلىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. كىراماتوسىك شەھىرىدىكى ئايرودۇرۇمدا يەنە توقۇنۇش يۈز بەردى. بۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە تاراتقۇلىرى ئاگاھلاندۇرۇپ، «غەربنىڭ ۋاقتى قالمىدى، چوقۇم دادىللىق بىلەن تەدبىر قوللىنىشى كېرەك»، دېدى.

  ئۇكرائىنا خەلقئارا تېلېگراف ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: دۇنىسېكتىكى رۇسيەپەرەس نامايىشچىلار 27-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئوبلاستىلىق رادىيو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ بىناسىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى، 500دىن ئارتۇق نامايىشچى بىنا ئالدىدا «سىلاۋىيانسىك-قەھرىمانلار شەھىرى»، « كېيۋ دونسېكنى باشقۇرالمايدۇ» دېگەن شۇئارلارنى توۋلىدى. ئارقىدىن بىناغا «دونىسېك خەلق جۇمھۇرىيىتى»نىڭ بايرىقىنى ئاستى. نامايىشىچىلار يەنە ئۇكرائىنا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پىروگراممىلىرىنى كۆرسىتىشنى توختىتىپ، رۇسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پىروگراممىلىرىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  رۇسىيە «نۇقتىنەزەر گېزىتى»نىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 27-ئاپرېل لۇگەنسېكتىكى رۇسىيەپەرەس كۈچلەر «لۇگەنسېك خەلق جۇمھۇرىيىتى»قۇرغانلىقىنى جاكارلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كيېۋ ھۆكۈمىتىگە ئۇلتىماتۇم چىقىرىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى نامايىش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلارنى چوڭ كەچۈرۈم قىلىشنى، رۇس تىلىنى دۆلەت تىلى قىلىش ھەمدە رايون ئاپتونومىيە مەسىلىسىنى ئومۇم خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. يەنە كېيىۋتىكى قانۇنسىز ھاكىمىيەتنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ قالسا، «لۇگەنسېك خەلق جۇمھۇرىيىتى»نىڭ رۇسىيەنىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تۈنۈگۈن كىراماتوسىك ئايرودۇرۇمى يەنە بىر قېتىم رۇسىيەپەرەس قۇراللىق كۈچ ۋە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندى. 100دىن ئارتۇق قۇراللىق خادىم ئۇكرائىنا ئارمىيە دائىرىلىرى كونتروللىقىدىكى ئايرودۇرۇمغا ھۇجۇم قىلدى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ ئىككى خادىمى يارىلاندى. ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئارقىدىن قايتۇرما زەربە بەردى. ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقى تۈنۈگۈن ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىدىكى چېگرا رايوندىكى قۇراللىق كۈچ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى خادىملىرى ئۇرۇش ھالىتىگە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

  سىلاۋىيانسىكتىكى خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي كۈزەتكۈچىلىرىنى داۋاملىق تۇتۇپ قالغانلىقىغا قارىتا، سىلاۋىياسىكنىڭ خەلق شەھەر باشلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ شەھەر كېيىۋتا تۇتقۇن قىلىنغان رۇسىيەپەرەس خادىملارنى «ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ قولىدىكى نۇرغۇن سەپداشلىرىمىز ۋە يولداشلىرىمىز» بىلەن ئالماشتۇرماقچى بولىۋاتىدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا، بىز ئالماشتۇرۇشنى خالايمىز. دەسلەپكى خەۋەردىن ئايان بولۇشىچە، دىيابىت كېسىلى بىر شۋېتسىيەلىك ئوفىتسېر قويۇپ بېرىلگەن.

  غەربتىكى يەتتە دۆلەت گۇرۇھى رۇسىيەنى 3-نۆۋەت جازالاشنى ماسلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. ئامېرىكا ئالدى بىلەن ھەرىكەت قوللاندى. رۇسىيەدىكى «نۇقتىنەزەر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاقساراي باياناتچىسى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى جاكارلىغان: ئامېرىكا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان يەتتە رۇسىيە ئەمەلدارى ۋە 17شىركەتنى جازالاشنى قارار قىلدى. بۇ يەتتە كىشى رۇسىيەنىڭ قىرىمدا تۇرۇشلۇق زۇڭتۇڭ ئەلچىسى بىلاۋىسىف، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى كزاك، رۇسىيە دۆلەت دۇماسى خەلقئارا ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى پۇشكوف، رۇسىيە نېفىت شىركىتىنىڭ لىدىرى سېچىن ۋە كىرىمىل سارىيى ئىشخانىسىنىڭ 1-مۇئاۋىن مۇدىرى ۋولودىن قاتارلىقلارنى ئۆز-ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكا ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى مەبلىغىنى توڭلاتماقچى ھەمدە ئامېرىكىغا بېرىپ ساياھەت قىلىشىنى چەكلىمەكچى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر