باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسى 1- ماي ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلىدى

2014.04.29 16:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن مەركەز دۆلەت ئورگانلىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسى 29-ئاپرېل بېيجىڭدا 1-ماي ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلىدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسى كاتىبات ئىدارىسى يىغىن ئىشلىرى باشقارمىسى قاتارلىق 80 ئىلغار كوللېكتىپقا مەركەز دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ «1-ماي» ئەمگەك مېدالى تارقىتىلدى؛ ۋاڭ پىڭ قاتارلىق 125 ئىلغار شەخسكە مەركەز دۆلەت ئورگانلىرى «1-ماي» ئەمگەك مېدالى تارقىتىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەز دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئىشچى خىزمەتچىلەر مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنىغا قارىتىپ، ئۆز ئىش ئورنىدا نەتىجە يارىتىپ، مەركەز دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى، بىر تۈركۈم دەۋر ۋە ئورگان ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر بارلىققا كەلدى، مەمۇرىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىش، سىياسەت تۈزۈش، پەن تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ماكرولۇق ھەل قىلغۇچ تەدبىر بەلگىلەش، باشقۇرۇش مۇلازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاساسى قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر