باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى جايلاردىن كەلكۈن مەزگىلىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

2014.04.29 16:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى جايلار كەينى كەينىدىن كەلكۈن مەزگىلىگە كىردى. كەلكۈن مەزگىلىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلاردىن كەلكۈن مەزگىلىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەبئىي ئاپەتتىن كېلىپ چىققان ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كەلكۈن مەزگىلىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالدۇر ھەرىكەتكە كېلىپ، بالدۇر تەييارلىق كۆرۈپ، كەلكۈندىن، تەيفېڭ بورىنىدىن مۇداپئەلىنىش، چوڭ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چوڭ ئاپەتلەردىن قۇتقۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك تەبئىي ئاپەتلەردىن كېلىپ چىققان ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشى ۋە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر