- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ب د ت ئورگىنى ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىغا يول بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى
2014.04.28 09:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگىنىنىڭ بەش مەسئۇلى 23-ئاپرېل بىرلىشىپ بايانات ئېلان قىلىپ، قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ياردەمگە ئېھتىياجلىق سۇرىيەلىكلەرگە يەتكۈزۈلىشىگە قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن، سۇرىيەدىكى توقۇنۇشىۋاتقان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇيدىغان ماشىنىلارنى قويۇۋېتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سۇرىيەدە 9 مىليون 300 مىڭ كىشى قوراللىق توقۇنۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا، مەملىكەت بويىچە ئۈچتىن بىر قىسىم تۇرۇببا سۈيى زاۋۇتى تاقالدى، 60 پىرسەنت داۋالاش ئەسلىھەلىرى ۋەيران بولدى، قامىلىپ قالغان رايونلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇشقا ئېرىشەلمەيۋاتقان نوپۇس 3 مىليون 500 مىڭغا يېتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر