باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزى مىللەتلەر ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن كۈن پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2014.04.28 08:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇنجى نۆۋەتلىك مەركىزى مىللەتلەر ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن كۈن پائالىيىتى بۈگۈن بېيجىڭدىكى مىللەتلەر تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزى مىللەتلەر ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى پايتەختنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى تاماشىبىنلارنى سەنئەتنىڭ سېرى كۈچىدىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. تىڭگىر، چۈبىئاۋۇ، ۋۇ تۇڭ، ليۇ يۇەنيۇەن، ئەركىن ئابدۇللا، زاشى دۈنجۇ قاتارلىق چولپانلار تاماشىبىنلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. بۇ پائالىيەت كۈنى مەركىزى مىللەتلەر ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى يەنە مىللىي ئوپېرانىڭ ئىقتىدارىنى نامايان قىلىش، نەق مەيداندا مەركىزى مىللەتلەر ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى قارمىقىدىكى ئۆسمۈرلەر ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى، ياشلار خور ئۆمىكىگە ئارتىس قوبۇل قىلىش؛ مىللەتلەر ناخشا ئۇسۇل ئۆمىكى «مىللەتلەر گۈلى» ئەزالىق كارتىسى تارقىتىش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەت مەركىزى مىللەتلەر ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش، مېخانىزملاشتۇرۇش، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى. ئۆمەك پۈتۈن كۈچى بىلەن مەركىزى مىللەتلەر ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك مەدەنىيەت ماركىسى يارىتىپ، جەمئىيەتنى، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك ئاممىۋى پاراۋانلىق مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر