باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغداپ، ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشنى تەكىتلىدى(1)

2014.04.28 09:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 25-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش ھەققىدە 14-قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىس ئالدىدا، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش-ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. جايلار، تارماقلار ئۆز خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، يېقىندىن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇل بولۇپ ۋە ئۈستىگە ئېلىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتا كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىدىن يولداش ۋاڭ يوڭچىڭ بۇ مەسىلىگە ئىزاھات بەردى ھەم پىكىر-تەكلىپلىرىنى سۆزلىدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تېررورلۇققا قارشى كۈرەش-دۆلەت بىخەتەرلىكى، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان دۆلەتنىڭ بىرلىكى، جەمئىيەت مۇقىملىقى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى قوغدايدىغان بىر مەيدان كۈرەش، قەتئىي، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، داۋاملىق قاتتىق زەربە بېرىپ، زوراۋان تېررورچىلارنىڭ نوخلىسىنى قەتئىي ئېلىش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت ئەندىزىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى سىستېمىسىنى ياخشىلاپ، تېررورلۇققا قارشى كۈچ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ ئامما بىلەن بىرلىشىش، ئاممىغا تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك شەكىللەردىكى كوللېكتىپ مۇداپىئەلىنىش، كوللېكتىپ تۈزەش ھەرىكەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پولاتتەك قورغان ھاسىل قىلىپ، زوراۋان تېررورچىلارنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر-ئۇرغا قالغاندەك ھالغا چۈشۈرۈش لازىم. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئۇلارنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ھەم دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى-تۈپ كىشىلىك ھوقۇققا سەل قاراپ، ئىنسانىيلىق، ھەققانىيلىقنى دەپسەندە قىلىدۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق ئۇلىغا خىرىس قىلىدۇ، ئۇ ھەم مىللىي مەسىلە ئەمەس ھەم دىنىي مەسىلە ئەمەس، بەلكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. بىز ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىغا قەتئىي ئىشىنىپ ۋە تايىنىپ، ئۇلارنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشقا بىردەك ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر