باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئامېرىكىنى كىيېۋ دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسىم رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2014.04.28 09:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 24-ئاپرېل كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ ئامېرىكىنى كىيېۋ دائىرىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسىم رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى.

  باياناتدا مۇنداق دېيىلدى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسىم رايونى ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى مۆلچەرلەش قىيىن بولماقتا،ئارمىيە، كۈچلۈك تارماقلار، ئەسەبىي مىللەتچى قۇراللىق ئۇنسۇرلار پۇقرالارغا ھەرىكەت قوللانماقتا. ئامېرىكا كىيېۋ دائىرىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنى شەرقىي جەنۇبى قىسىم رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشقا، ھەمدە ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بىلەن كۈچلۈك تارماقلىرىنىڭ بۇ رايونىدىن ئۆزنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ئورنىغا چېكىندۈرۈشكە دەۋەت قىلىشى كېرەك . رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ جەنۋە تۆت تەرەپ سۆھبىتىدە ھاسىل قىلىنغان ھۆججەت بويىچە، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر