باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىن ئىسرائىلىيەنى «تىنچلىق سۆھبىتى مۇساپىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى» دەپ ئەيىبلىدى

2014.04.28 09:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىننىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى ئىركات 24- ئاپرېل ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسىمدىكى ئىككى گۇرۇھى ھاسىل قىلغان يارىشىش كېلىشىمىنى بانا قىلىپ پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى توختىتىپ، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى دېدى. ھەمدە پەلەستىننىڭ قوللىنىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئۇستىدە ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئېركات مۇنداق دېدى: پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى فاتاخ بىلەن پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماسنىڭ ئىچكى قىسىمدا يارىشىش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلىشى پەلەستىننىڭ ئىچكى ئىشى. پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەلەستىننىڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى، ئىسرائىلىيە بۇنى بانا قىلىپ پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلىپ بېرىش توغرىسىدىكى ۋەدىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرسا بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر