- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسىم رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى توختىتىشنى كۈچلۈك مۇراجىئەت قىلدى
2014.04.28 09:32 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 25- ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرنى دەرھال توختىتىپ، بۇ رايونىدىكى ئارمىيەنى چېكىندۈرۈشىنى، كىيېۋ دائىرىلىرى ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدىكى جەنۋە تۆت تەرەپ سۆھبىتىدە ھاسىل قىلىنغان ھۆججەتنى تولۇق ئىجرا قىلىشنى كۈچلۈك مۇراجەت قىلىدۇ.
باياناتدا مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە كىيېۋ دائىرىلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ مەملىكەت ئىچىدە يارىشىش ئۇستىدە ئىزدىنىدىغان سەمىمىيتىنى بىلدۈرۈشى كېرەك ، رۇسىيە كىيېۋ دائىرىلىرىنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدىكى تۆت تەرەپ جەنۋەدە ھاسىل قىلغان ھۆججەتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزمۇنىنى يولغا قويۇپ، ئۇكرائىنادا ئاساسى قانۇن ئىسلاھاتىنى دەرھال يولغا قويۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەر ۋە سىياسىي تەشكىلاتلار قاتناشقان كەڭ خاراكتېرلىك مەملىكەتلىك سۆزلىشىشنى باشلىنىشىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر