باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بىلەن زۇما خەت ئەۋەتىپ، ئۆز ئارا دۆلەت يىلى پائالىيىتىنى تەبرىكلىدى

2014.04.28 08:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا پىرېزىدېنتى زۇما 27-ئاپرېل ئۆز ئارا خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئۆز ئارا دۆلەت يىلى پائالىيىتىنى باشلىغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: 2014- ۋە 2015-يىلى جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا ئۆز ئارا دۆلەت يىلى پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ-جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئادىمىيەت ساھەسىدىكى مۇھىم پائالىيىتى شۇنداقلا ئىككى دۆلەت دوستلۇق ئالاقىسىدىكى مۇھىم ئىش، بۇ-ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتقۇسى. جۇڭگو ئۆز ئارا دۆلەت يىلى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن بىرلىكتە تېرىشىپ، ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۆزلۈكسىز يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى خالايدۇ. شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن، يېڭى جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، پىرېزىدېنت زۇما ۋە جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى، خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  زۇما تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەنۇبىي ئافرىقا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىياتلار قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ-ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزىدۇ. بۇ يىل-جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا يىلى شۇنداقلا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى بىكار قىلىپ، دېموكراتىك ئىنقىلاب غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى، جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن بۇ ئىككى كاتتا ئىشنى بىرلىكتە تەبرىكلەشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىزمۇ 2015-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدا جۇڭگو يىلى ئۆتكۈزۈشنى كۈتمەكتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر