باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياڭ جىچى كانتو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2014.04.28 08:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت كومىسسارى ياڭ جىچى 25-ئاپرېل جۇڭنەنخەيدە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىق پارتىيەنىڭ رەھبىرى كانتو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ياڭ جىچى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى باشتىن-ئاخىر ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر قانداق كىشى ئېلىمىزنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتەك قەتئىي ئىرادىسى ۋە قارارىنى تەۋرىتەلمەيدۇ. بىر ياخشى جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن بىللە بىر يۆنىلىشتە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش توغرا يولىغا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر