باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇرالغۇ شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنستىرلىقى بۇ يىللىق خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2014.04.28 08:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: تۇرالغۇ شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنستىرلىقى يېقىندا «2014-يىللىق تۇرالغۇ كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، جايلاردىن يىللىق قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بۇلۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ يىل مەملىكەت بويىچە شەھەر بازارلاردىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشدا يەتتە مىليون يۈرۈشتىن كۆپرەك ئۆيدە ئىش باشلاش پىلانلانغان، ئۇنىڭ ئىچىدە تۈرلۈك كەپلىك رايونلاردا ئۆزگەرتىلىدىغىنى تۆت مىليون 700مىڭدىن ئاشىدۇ. 4مىليون 800مىڭ يۈرۈشتىن كۆپرەك ئۆي ئاساسى جەھەتتىن سېلىنىپ بولىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا جايلارنىڭ تەرەققىيات ئىسلاھات، مالىيە قاتارلىق تارماقلارغا ماسلىشىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك تولۇقلىما بىلەن قوللاش سالمىقىنى زورايتىشى، ئۆلكە دەرىجىلىك تەكشۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، نىشان ۋەزىپىسىنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى، شەھەر ناھىيەلەرنىڭ بالدۇرراق ئىش باشلىشىغا يىتەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، بالدۇرراق ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، يىللىق ئىش باشلاش ۋە قۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر