باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو: ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنى كۇڭزىنىڭ سۆزىدىن ئىلھام ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز

2014.04.28 08:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ 25-ئاپرېل قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. مۇخبىرنىڭ ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئەمدىلا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى. بۇ باياناتتا «ئامېرىكا ياپونىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش شەرتنامىسى» ياپونىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان بارلىق رايونغا ماس كېلىدۇ، بۇ جۈملىدىن دياۋيۈ ئارىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، باياناتتا يەنە شەرقىي دېڭىز ھاۋا مۇداپىئە پەرق ئېتىش رايونى ۋە جەنۇبىي دېڭىز تالاش-تارتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە باھا بېرىلدى، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟ دەپ سورىغاندا چىن گاڭ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى ئۇششاق ئاراللار ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى. «ئامېرىكا ياپونىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش شەرتنامىسى» سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى مەزگىلىنىڭ مەھسۇلى، دياۋيۈ ئارىلىنىڭ جۇڭگوغا قارايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئەمەلىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. چىن گاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە جۇڭگونىڭ مەيدانى ئىزچىل ۋە ئېنىق. دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى ئاراللار ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى. مەيلى ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ نېمە دېيىشى،نېمە قىلىشى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئۈمىدىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر