باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

غەرب ئەللىرىنىڭ ھەربىي ئىشلارنى تەكشۈرۈش خادىملىرى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونىدا تۇتقۇن قىلىندى

2014.04.28 09:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 25- ئاپرېل چۈشتىن كىيىن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: غەرب ئەللىرىنىڭ سەككىز ھەربىي ئىشلارنى تەكشۈرگۈچىسى بىلەن ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بەش نەپەر ۋەكىلى ئولتۇرغان ئاپتوموبىل شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونىدىكى سىلاۋيانسىك شەھرىدە تۇتقۇن قىلىندى.

  ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرى شۇ كۈنى كەچتە ياۋروپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى؛ تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر بۇ تەشكىلاتنىڭ كۆزەتكۈچى ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ياكى چوڭ سايلامنىڭ كۆزەتكۈچىلىرى بولۇپ ، ئۇكرائىنا دائىرىلىرى تەكلىپ قىلغان ياۋروپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئەۋەتكەن ھەربىي ئىشلارنى تەكشۈرگۈچىلەر ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۆت كىشى گېرمانىيەدىن كەلگەن قالغان تۆت كىشى چېخ، دانىيە، پولشا ۋە شىۋېتسىيەدىن كەلگەن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر