باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى تاۋار ماركسى قانۇنى1-مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

2014.04.28 08:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: ئېلىمىزنىڭ يېڭى تاۋار ماركسى قانۇنى 1-مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ قېتىمقى تاۋار ماركسى قانۇنىنىڭ تۈزۈتۈلمىسىدە تاۋار ماركسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قۇلايلاشتۇرۇش گەۋدىلەندۈرۈلدى.بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش زورايتىلدى.

  دۆلەتلىك سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۈ جۈنچېن مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى:ئاۋازلىق تاۋار ماركسى ئىستېمالچىلار ئالدىدا پەيدا بولىدۇ. بۇ تاۋار ماركسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىنى كېڭەيتتى. ئىلگىرى كۆرۈشكە بولىدىغانلىقى تەلەپ قىلىنغان بولسا، ھازىر ئاڭلىسىمۇ بولىدۇ. ھازىر كارخانىلارنىڭ ئاۋازلىق تاۋار ماركسىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىغان ئوبيېكتلىرى كارخانىلارنىڭ تەشۋىقات فىلىملىرى ۋە كىنو، تېلېۋىزىيە،رادىئو ئېلانلىرىنىڭ تەڭكەش مۇزىكىلىرى، كارخانىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئاساسلىق مېلودىيىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر