باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما رۇسىيىگە يېڭىدىن جازالاش تەدبىرىنى قوللانماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

2014.04.28 09:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 25-ئاپرېل فرانسىيە ، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ئەنگلىيە رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفونلاشقاندا مۇنداق دېدى: رۇسىيە تەدبىر قوللىنىپ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشكە ياردەملەشمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئامېرىكا رۇسىيىگە يېڭى جازالاش تەدبىرىنى قوللانماقچى.

  بەش دۆلەت رەھبەرلىرى بىردەك رۇسىيەنىڭ كۈنسېرى كىشىلەرنىڭ ئەمدىشىنى قوزغاۋاتقان سۆز ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇكرائىنا چېگراسىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى جىددىي ۋەزىيەتنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونىنىڭ ۋەزىيىتى كىشىنى ئەمدىشىگە سالماقتا دەپ ھېسابلىدى. بەش دۆلەت رەھبەرلىرى يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىلىق رۇسىيىگە تېخىمۇ تەدبىر قوللىنىپ، رۇسىيەنى بەدەل تۆلىتىشكە قوشۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر