باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى: چەتئەللەر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنانىنى قوللاش توغرىسىدىكى ۋەدىسىدىن گۇمانلانماسلىقى كېرەك

2014.04.28 09:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كېڭەش ئىشلىرى بويىچە مەخسۇس خادىمى سىتىفان فىلاي 26-ئاپرېل چېخنىڭ پايتەختى پراگادا ئۇكرائىنانىڭ مۇۋەققەت دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چەتئەللەر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنانى سىياسىي، ئىقتىسادى جەھەتتە كۈچلۈك قوللايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىدىن گۇمانلانماسلىقى كېرەك . ئىككى تەرەپ پراگادا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنانى قوللاش توغرىسىدىكى كونكرېت تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇستىدە كېڭەشتى. بۇ يىل 4-ئاينىڭ باشلىرى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۇكرائىنا بىلەن بىرلىكتە ئۇكرائىنانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ئىسلاھاتى قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا ياۋروپانىڭ ئىسلاھات كۈن تەرتىپىنى بېكىتتى.

  سىتىفان فىلاي مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۇكرائىنا دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، ئەڭ جىددىي ياردەم بېرىلىدىغان ساھەلەردە ئۇكرائىنانى تېخنىكا ۋە پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاپ، ئۇكرائىنانىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  سىتىفان فىلاي ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بارروسو 5-ئايدا ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى ۋە ئۇكرائىنادىكى باشقا ئاساسلىق ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشىدۇ، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر