- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مالايسىيە ساقچى تەرەپ MH370 نومۇرلۇق ئايروپىلاننى جىنايى ئىشلار تۈردە تەكشۈرۈشنى بېكىتتى
2014.04.03 09:27 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ۋول كوچىسى گېزىتى تورىنىڭ 2-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە: مالايسىيە ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، مالايسىيە ساقچى تەرەپنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋەقەسىنى جىنايى ئىشلار تۈردە تەكشۈرىدىغانلىقىنى بېكىتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇندىن باشقا ئايروپىلان گۇرۇپپىسى باشلىقىنىڭ ئويىدىن بايقىغان ئايروپىلان مودىلىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنىڭ چىقمىغانلىقىنى ئېيتتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مالايسىيە ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېگەن: ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا. ئۇلار تېخىمۇ كۆپ كىشلەردىن بۇنىڭغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئىگىلەيدۇ. ھازىرغىچە، ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلاننى تەكشۈرۈش 170 پارچە تەكشۈرۈش خاتىرىسىدىن ئاشتى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلاننىڭ ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش سەۋەبى تېپىلمىدى، بىراق ئايروپىلان گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ ئۆيىدىن تېپىلغان ئۇچۇش مودىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدە يەنىلا يەكۈن چىقىرىلمىدى. ئۇلار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى كۈتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر