باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەر ھوقۇقى بېكىتىلدى، يەر جانلىق مۈلۈككە ئايلاندى

2014.04.08 08:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھۆددىگە بېرىلگەن يەرگە كىملىك بېجىرىلىپ، يەرلەر جانلىق مۈلۈككە ئايلانماقتا، مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يېزا يەرلىرىنى ھۆددىگە بېرىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېكىتىپ تىزىمغا ئېلىش سىنىقىدا دېھقانلار تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئىگە بولدى.

  ئەنخۇي ئۆلكىسى ئەنچىڭ شەھىرى چيەنشەن ناھىيەسىدىكى بەزى دېھقانلار يېقىندا تېخىمۇ كۆپ ئاماللارنى تاپتى، سەۋەبى ئۇلاردىن نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ بىرقانچە كۈن ئىچىدە بىر قىزىل تاشلىق كېنىشكىگە ئىگە بولدى، بۇ كىنىشكىدە ھەر بىر ئائىلىدە قانچە كىشىنىڭ بارلىقى، قانچىلىك يەرنى ھۆددە ئالغانلىقى، ھەر بىر يەرنىڭ قانچىلىكلىكى، قانداق شەكىلدە ئىكەنلىكى، ئەتراپتا كىمنىڭ يېرى بىلەن تۇتۇشىدىغانلىقى ئېنىق قىلىپ يېزىلغان ئىدى، دېھقان جېڭ شۇخۈەي سۈنئىي ھەمراھ خەرىتىسى، يىراقتىن سېزىش قاتارلىق تېخنىكىلار قوللىنىلغانلىدىن ئۆزى ھۆددىگە بەرگەن يەرنىڭ چوڭىيىپ قالغانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن ھېس قىلدى.

  دېھقان جېڭ شۇخۈەي ئالدىنقى ئىككى يىلدا ئۆيىدىكى 8 مو يەرنىڭ ھەر بىر موسىنى 500 يۈەنلىك باھا بىلەن كەنتتىكى ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىلىرىگە ھۆددىگە بەرگەن ئىدى، بۇ قېتىمقى يەر ھوقۇقىنى بېكىتىشتە ئۇنىڭغا 2 موغا يېقىن يەر قوشۇلدى، ئۇنىڭ كىرىمى يەنە مىڭ يۈەنگە يېقىن ئاشتى.

  دۆلەتنىڭ تەلىپى بويىچە دېھقانلار بىر تىيىنمۇ پۇل چىقارماي، مەركەز ۋە يەرلىك مالىيەسىدىن پۇل ئاجرىتىلىپ، كۆتۈرەگە ئېلىنغان ھەر بىر مو يەر يېڭىباشتىن ئۆلچەندى، يەر ھوقۇقى بېكىتىلگەندىن كېيىن يەرنى ھۆددىگە بېرىش ھوقۇقى دېھقانلارنىڭ ئامانەت پۇلىغا ئايلاندى، ئۇلارنىڭ ھەميانى تومپايدى، يەر ئۇلارنىڭ جانلىق مۈلكىگە ئايلاندى.

  نۆۋەتتە يېزىلاردا يەرنى ھۆددىگە بېرىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تىزىملاپ گۇۋاھنامە تارقىتىش خىزمىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 100 نەچچە ناھىيەدە سىناق قىلىندى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ پىلانى بويىچە بۇ يىل سىناق دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئىككى ئۆلكىدە سىناق قىلىش بېكىتىلدى، باشقا ئۆلكىلەردە ئاز دېگەندە بىر ناھىيەدە سىناق قىلىنىدۇ، سىناق قىلىش ئاساسىدا بەش يىل ئىچىدە ئاساسەن تاماملىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر