باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يەر شارىدا قازا قىلغان سەككىز ئادەمنىڭ بىرسى ھاۋا بۇلغىنىشتىن قازا قىلماقتا (1)

2014.03.27 15:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 25-مارت 2012-يىلى پۈتۈن دۇنيادا يەتتە مىليون ئادەم ھاۋا بۇلغىنىش سەۋەبىدىن قازا قىلدى، ھاۋا بۇلغىنىش-يەر شارى مۇھىتىنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت پەيدا قىلغان ئەڭ ئاساسلىق قاتىلغا ئايلاندى دېدى. بۇ سانلىق مەلۇمات بۇندىن بۇرۇن مۆلچەرلىگەن ساننىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ-بىر يىلدا پۈتۈن دۇنيادا قازا قىلغان سەككىز ئادەمنىڭ بىرسىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىش سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئاممىۋى سەھىيە ۋە مۇھىت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مارىيە نىرا مۇخبىرغا بۇ سانلىق مەلۇمات ئادەمنى چۆچۈتىدۇ ھەم ئەندىشىگە سالىدۇ. ھاۋا بۇلغىنىش ھازىر ئەڭ چوڭ مۇھىت ساغلاملىق تەھدىتى بولۇپ قالدى. بۇ يەردىكى مۇھىت بۇلغىنىش ھەم ئۆي ئىچى ھەم ئۆي سىرتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مەسىلە مەيلى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولسۇن، مەيلى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بولسۇن، ھەر بىرىمىزگە تەسىر كۆرسەتمەكتە دېدى.

  ھاۋا بۇلغىنىش سەۋەبىدىن قازا قىلغۇچىلار ئادەتتە يۈرەك كېسىلى، سەكتە ياكى ئاستا خاراكتېرلىك تىقىلما ئۆپكە كېسىلى بىلەن جېنىدىن ئايرىلىدۇ، بىر قىسىم كىشىلەر ئۆپكە راكى ياكى جىددىي نەپەس يولى يۇقۇملىنىش بىلەن قازا قىلىدۇ. نىرا ھاۋا بۇلغىنىش پەيدا قىلغان تەھدىت ھازىر بۇرۇنقى مۆلچىرىمىز ۋە تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىن بەكلا ئېغىر بولماقتا، بولۇپمۇ يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتە جەھەتتە تېخىمۇ شۇنداق. بۇ ئىسپاتلار بىزگە بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، بىز نەپەسلىنىدىغان ھاۋانى ساپلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئېيتىپ بەرمەكتە دېدى.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2012-يىلى پۈتۈن دۇنيادا يەتتە مىليون ئادەم ھاۋا بۇلغىنىش سەۋەبىدىن قازا قىلدى، بۇنىڭ نۇرغۇنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە غەربىي تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردىن كىشىلەر. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈچ مىليون 300 مىڭچە ئادەم ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشىدىن قازا قىلدى، ئىككى مىليون 600 مىڭچە ئادەم سىرتنىڭ ھاۋاسى بۇلغىنىشتىن قازا قىلدى دېدى.

  ئۆي ئىچى ھاۋاسى بۇلغىنىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى كۆمۈر، ياغاچ ياكى بىيو ماددىلارنى قالايدىغان ئوچاقتا تاماق ئېتىشتىن ئىبارەت. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۆلچىرىگە قارىغاندا، يەر شارىدا ئىككى مىليارد 900 مىليونچە ئادەم ئۆيدە ياغاچ، كۆمۈر ۋە تېزەكنى ئاساسلىق يېقىلغۇ قىلىپ تاماق ئېتىدىكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئائىلە ساغلاملىقى مۇتەخەسسىسى فىلاۋىيە باستىلىئو ئاياللار ۋە بالىلار-ئۆي ئىچى ھاۋا بۇلغىنىشنىڭ ئاساسلىق زىيىنىغا ئۇچرىغۇچىلار. بۇ خىل ئەھۋال تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەر تېخىمۇ گەۋدىلىك، چۈنكى ئۇ يەردىكى ئاياللار ۋە بالىلار ئۆيىدە تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەت تۇرىدىغان بولۇپ، ئوچاقتىن چىققان تۈتۈن بىلەن نەپەسلىنىدۇ دېدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر