باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يەر شارىدا قازا قىلغان سەككىز ئادەمنىڭ بىرسى ھاۋا بۇلغىنىشتىن قازا قىلماقتا (2)

2014.03.27 15:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىرتتىكى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ئاساسلىقى ماشىنىدىن چىققان گاز، ئېلېكتىر ئىستانسىسى، سانائەت، يېزا ئىگىلىكتىن قويۇپ بېرىلگەن گاز ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئىسسىنىش، تاماق ئېتىشىدىن چىققان گازلاردىن بولىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتىدىن دۇنيادىكى قىسمەن جايلاردىكى سىرتنىڭ ھاۋاسى بۇلغىنىش دەرىجىسىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە تېخىمۇ ئېغىرلىغانلىقى، بولۇپمۇ نوپۇسى كۆپ بىر قىسىم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىكەنلىكى ئايان بولدى.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاممىۋى ساغلاملىق مۇتەخەسسىسى كارلوس دوررا ھەر قايسى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ۋە سەھىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، تەدبىر قوللىنىپ، ھاۋا بۇلغىنىشنى ئازايتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. دوررا ھاۋانىڭ زىيادە بۇلغىنىشى ئادەتتە بىر قىسىم كەسىپلەرنىڭ سىجىلسىز سىياسىتىنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلى. بۇ كەسىپلەر قاتناش، ئېنېرگىيە، ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش، سانائەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۇرغۇن ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، تېخىمۇ ياخشى مۇھىت ئاسراش ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق، سەھىيە، ساقلىق ساقلاش چىقىمىنى تېجىگىلى شۇنداقلا مۇھىتنى ياخشىلىغىلى بولىدىكەن. شۇڭا ئۇزاقتىن قارىغاندا تېخىمۇ ئىقتىسادچىل بولىدىكەن دېدى.

  مۇتەخەسسىسلەر ئۆي ئىچى ھاۋاسى بۇلغىنىشىنى ئازايتىش جەھەتتە، پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئوچاق ئىشلىتىش ۋە داۋاملىق ھاۋا ئالماشتۇرۇش-ئەڭ ئاددىي، ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، سىرتنىڭ ھاۋاسى بۇلغىنىشنى ئازايتىشتا، پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش، ئېنېرگىيەدىن يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنىش، ماشىنا تېخنىكىسىنى ياخشىلاش تەكلىپىنى بەردى.

  دوررا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاممىۋى قاتناش سىياسىتىنى يېڭىدىن تۈزۈش زۆرۈرىيىتى بار، مەسىلەن: فىرانسىيە پارىژ شەھىرىنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆرنەك قىلىش كېرەك. پارىژدا مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئېغىر تۇمان-تۈتەك پەيدا بولدى، بۇنىڭ بىلەن پارىژ ماشىنىلار قوش، تاق نومۇر بىلەن مېڭىش، كوچا ئاپتوبۇسلىرىنى ھەقسىز قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى دېدى.

  ئۇ ھاۋا كونسېرۋاسى سېتىۋېلىش ئاقمايدىغان ئىش، ھاۋا ئاممىۋى بايلىق، يېڭى ھاۋادىن نەپەسلىنىش ئۈچۈن، بىز ھاۋا بۇلغايدىغان ساھەلەرگە ئارىلىشىشىمىز كېرەك دېدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە يەر شارىدىكى بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر 1600 شەھەرنىڭ تەرتىپىنى ئېلان قىلىشنى پىلانلىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر