- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: ھەرقانداق شەكىلدە دەپنە ئىستېمالىغا باغلاش، زورلاش ياكى خاتا يېتەكچىلىك قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ
2014.03.28 15:13 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 27-چېسلا ئېچىلغان 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك دەپنە خىزمىتى يىغىنىدا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى لى لىگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاساسىي مۇلازىمەت بىلەن تاللا مۇلازىمەتنى ئېنىق ئايرىش ۋە باھاسىنى ئېنىق بېكىتىش لازىم، ھەرقانداق شەكىلدە دەپنە ئىستېمالىغا باغلاش، زورلاش ياكى خاتا يېتەكچىلىك قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ، قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قانۇنلۇق دەپنە بۇيۇملىرىنى ئېلىپ كېلىشىگە ھەرقانداق ئۇسۇلدا چەك قويۇش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ، ساھە ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزىتىپ، سەلبىي مىساللارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش ۋە ئاشكارىلاش كېرەك. (پەن يۆ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر