باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كىم ئىراقتا نېفىت جەھەتتە ئەڭ كۆپ پايدىغا ئېرىشتى؟(3)

2013.03.22 11:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نېفىت ئىشلىرى گۈللەندى، ئامما يەنىلا نامرات

  خەلقئارا ئېنېرگىيە باش مەھكىمىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى فاتى بىلونىڭ مۆلچەرلىشىچە، 20 يىل ئىچىدە ئىراق ئېنېرگىيە چوڭ دۆلىتىگە ئايلىنىدىكەن، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھازىرقى سەۋىيەسىگە يېتىدىكەن. ئەمما قېيىن مەسىلە شۇكى نېفىت مەھسۇلاتىنىڭ ئېشىشى ئىراق ئاممىسىنىڭ تەمىناتىغا ئايلىنامدۇ-يوق؟

  گەرچە ئىراقنىڭ نېفىت مەھسۇلاتى يىلسېرى يېڭى سەۋىيەگە يېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئادەتتىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ياخشىلانمىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئىراقتىكى ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %30 كە يەتكەن، %23 ئىراقلىقنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن نامرات ئىكەن. باغدات شەھەر ئاھالىسى ئۆمەر كايىس مۇنداق دېدى: ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىلگىرى ئىنتايىن ناچار ئىدى، ھازىر تېخىمۇ ناچار بولۇپ كەتتى.

  بۇ يالغۇز كايىس بىرلا ئادەمنىڭلا نارازىلىقى ئەمەس. نۆۋەتتە %26 ئىراق ئائىلىسى ئاممىۋى بۇلغىما چىقىرىش ئەسۋابىنى ئىشلىتەلەيدۇ. بەشتىن بىر قىسىم نوپۇس ھەر كۈنى ئىككى سائەتلا سۇ بىلەن تەمىنلىنىدۇ، ئۈچتىن بىر قىسىم نوپۇس سۇ بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.

  ئىراقنىڭ نېفىت دوكلاتى تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىن لاندو بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىراقنىڭ نېفىت تۈزۈلمىسىدىن كۆردى. ئىراقتا دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى يوق، نېفىت مىنىستىرلىقى نېفىتلىقنى ئېچىشقا مەسئۇل بولىدۇ. سىياسىيونلارنىڭ ئويلايدىغىنى نېفىت ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولماستىن بەلكى ئۆزىنىڭ سىياسىي ئورنىنى قانداق ساقلاشتىن ئىبارەت.

  جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە مۇتەخەسسىسى لى گوفۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق مەسىلىسى ئاممىنىڭ نېفىتنىڭ پايدىسىدىن نەپكە ئېرىشىشىدىكى مۇھىم ئامىل.

  لى گوفۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىراق جەمئىيىتى ئانچە مۇقىم ئەمەس، شۇڭا ھازىر ئىراقنىڭ نېفىت بازىرىدىن ئېرىشكەن پايدىسى جەمئىيەت بايلىقىغا تولۇق ئايلىنالمايدۇ، ھازىر ئىراق ئاممىسى نېفىتنىڭ پايدىسىدىن دەرھال نەپكە ئېرىشەلمەيدۇ. نېفىت مەھسۇلاتىنىڭ ئېشىشى ئىراقنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى بولالامدۇ يوق، بىز بۇنىڭ جاۋابىغا كېيىنكى ئون يىلدا ئېرىشىشىمىز مۇمكىن.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە