- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم ئۆلچەملىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تېزىسى ئېلان قىلىندى
2013.03.19 16:48 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
|
‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۆلچەملەشكەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيە تېزىسى (2020 ~ 2011) ›› ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 18-مارت ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى ھەمدە ئاپتونوم رايون خاراكتېرلىك ئۆلچەملەشكەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيە تېزىسىنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقى جاكارلاندى
|
تەڭرىتاغ تورى ، ئۈرۈمچى ، 18-مارت خەۋىرى : ‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۆلچەملەشكەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيە تېزىسى (2020 ~ 2011) ›› ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 18-مارت ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى ھەمدە ئاپتونوم رايون خاراكتېرلىك ئۆلچەملەشكەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيە تېزىسىنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقى جاكارلاندى . بۇ ئاپتونوم رايوننىڭ تۇنجى قېتىم ئۆلچەملەشكەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيە تېزىسىنى تارقىتىش ھېسابلىنىدۇ .
شۇ كۈنى ، ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى قاتارلىق تارماقلار بىرلىكتە يەنە 119 تۈرلۈك ساياھەتچىلىك ، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئورگانلىرىنى باشقۇرۇش ، كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش ، يېزا ئىگىلىك داڭلىق مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرىنىڭ ئۆلچىمى ، ماناس زۇمرەت تېشى ، دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ‹‹ ئائىلىلەر شادلىقى ›› يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت تېخنىكا دائىرىسى قاتارلىقلار چېتىلىدىغان مۇھىم خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىنىڭ يەرلىك ئۆلچەملىرىنى ئېلان قىلدى .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە