ئوت-چۆپ ۋە سۇ قوغلىشىپ ئولتۇراقلىشىش قەدىمدىن بۇيانقى شىنجاڭ چارۋىچىلىرى تۇرمۇشىنىڭ ئەينەن كارتىنىسى . بۈگۈنكى كۈندە ، ئىلى ۋادىسىدا ياشايدىغان چارۋىچىلار نەچچە ئون كىلومېتىرلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنى ‹‹ ئارىيەتكە ئېلىپ ››، تېز سۈرئەتتە يايلاق كۆچۈشنى ئەمەلگە ئاشۇردى . كەڭساي يول بۆلىكى ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ، ئىلى ۋادىسى بىلەن سىرتنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھىم قاتناش بوغۇزى . بۇ يولنىڭ تىرانسىپورت ۋەزىپىسى ئېغىر بولۇپ ، ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈزدە غۇلجا شەھىرى ، غۇلجا ناھىيەسى ۋە قورغاس ناھىيەسىدىن 1200دىن ئارتۇق ئائىلىلىك چارۋىچى 230 مىڭدىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك چارۋىسىنى بۇ لىنىيە ئارقىلىق يايلاق كۆچۈرىدۇ.