خەلق تورىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىدىكى ساياھەت كۈندىن كۈنگە جانىلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى يېقىنلىشىپ، بىر-بىرىنى چۈشەنمەكتە.
ئسىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2012-يىلى رۇسىيەدىن جۇڭگوغا كەلگەنلەر 2 مىليون 312 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ساياھەتكە كەلگەنلەر 1 مىليون 328 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، 2008-يىلدىكىگە قارىغاندا %25 ئاشقان. رۇسىيە خەلقىنىڭ جۇڭگوغا ساياھەتكە كېلىش قىزغىنلىقى ئاشقانغا ئوخشاش، جۇڭگودىن رۇسىيەگە بېرىپ ساياھەت قىلىدىغانلارمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ئسىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2012-يىلى جۇڭگودىن رۇسىيەگە ساياھەتكە بارغانلارنىڭ سانى 870 مىڭغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ساياھەتچىلەر 343 مىڭ بولۇپ، 2011-يىلىدىكى ئوخشاش ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا %47 ئاشقان.
سۈرەتتە، 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەر جۇڭگو خېيلۇڭجياڭ مۇدەنجياڭ شەھىرى جىڭبوكۆلىدە شارقىراتما مەنزىرىسى ئالدىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە. (شنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ يەنخۇي فوتوسى)