باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

جەنۇبىي ئافرىقىدا 8 ياشلىق بالا 61 ياشلىق موماينى ئەمرىگە ئالدى

2013.03.12 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 10-مارت خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي ئافرىقا پروتورىيەدە بىر غەلىتە توي مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلغان. 8 ياشلىق ئوغۇل مارىېللا 61 ياشلىق، بەش بالىسى بار ھېلىن بىلەن توي قىلىپ، ئىككىسى 100 مېھماننىڭ ئالدىدا ئۈزۈك ئالماشتۇرۇپ، سۆيۈشكەن. ھېلىننىڭ بالىلىرى ۋە يولدىشىمۇ بۇ «توي مۇراسىمى»غا قاتناشقان.

  بۇ ئىككىيلەن توي خېتى ئالمىغان، ھەم بىللە تۇرمايدىكەن. مارېللانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ بۇنداق قېلىشى ئالەمدىن ئۆتكەن بوۋىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولغان ئىكەن. ئۇنىڭغا بوۋىسىنىڭ ئىسمى قويۇلغان بولۇپ، بوۋىسىغا ئەزەلدىن توي كىيىمى بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش پۇرسىتى بولۇپ باقمىغان ئىكەن. ئوغۇل بالىنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ توي مۇراسىمى پەقەت شەكىللا بولۇپ، قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئەمەس ئىكەن.

  مارېللا ھېللىننىڭ ئۆزى تاللىغان كېلىن ئىكەنلىكىنى، ھېللىننى ياقتۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ چوڭ بولغاندا تەڭتۈش قىز بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ 46 ياشقا كىرگەن ئاپىسى پاسىنسى مارېللانىڭ تويىنى كۆرۈش ئۇنىڭ بوۋىسىنىڭ ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ھېلىنمۇ بۇنى قوللايدىكەن. ئۇ بۇنداق قىلغاندا ئەجدادلارنى خۇشال قىلغىلى بولىدۇ، بۇنداق بولمىغاندا، ئائىلىگە چوقۇم بەختسىزلىك كېلىدۇ دەپ قارايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە