باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل لى لىڭخوڭ ئۆي تېلېفونى ئايلىق ئىجارە ھەققىنى بىكار قىلىشنىڭ ئەلرازى قۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

2013.03.12 09:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، نىڭبو پورت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى لى لىڭخوڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ھەر ئايدىكى ئۆي تېلېفونى سۆزلىشىش ھەققى ئايلىق ئىجارە ھەققىگىمۇ يەتمەيدۇ، بۇ خىل ئەھۋال نۇرغۇن ئىستېمالچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. مۇۋاپىق بولمىغان ئۆي تېلېفونى ئايلىق ئىجارە ھەققىنى بىكار قىلىشمۇ بىر خىل ئەلرازى قۇرۇلۇشى بولىدۇ. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى تېلېگراف كارخانىلىرى ھەر ئايدا ئۆي تېلېفونى ئىشلەتكۈچىلەردىن 20 يۈەندىن 25 يۈەنگىچە ئايلىق ئىجارە ھەققى ئالماقتا.

  لى لىڭخوڭ مۇنداق دەپ قارىدى: نۇرغۇن ئىستېمالچىلار گۇمانلىنىپ، تېلېفون بەرمىگەن ئەھۋالدىمۇ ئۆي تېلېفونى ئايلىق ئىجارە ھەققى تاپشۇرۇش كاللىمىزدىن ئۆتمەيدۇ، تېلېفون بەرمىگەندىن كېيىن، سىم يولىمۇ تەبىئىي ھالدا ئىشلىتىلمەيدۇ، تېلېگراف تارماقلىرىغىمۇ تەننەرخ چىقىمى كەتمەيدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇنداق ھەق ئېلىش قانداقمۇ يوللۇق بولسۇن دېدى. تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ھازىر كۆچمە تېلېفون سىگنالى يوق بىر قىسىم چەت، يىراق يېزىلاردا ئۆي تېلېفونى كۆپرەك ئىشلىتىلىدىكەن، ئۇلار ئاساسلىقى سىرتلارغا چىقىپ ئىشلىگەن پەرزەنتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىدىكەن. ئايلىق ئىجارە ھەققى ئالىدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆي تېلېفونى ئورناتمىغان، ئۇلار نەچچە چاقىرىم يول بېسىپ، كۆچمە تېلېفون سىگنالى بار جاي ئىزدىگەن ياكى بازارغا بېرىپ تېلېفون بەرگەن. شۇڭا، لى لىڭخوڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ پائال سىياسەت چىقىرىپ، ئۆي تېلېفونى ئايلىق ئىجارە ھەققىنى بىكار قىلىپ، تېلېگراف كەسپىنىڭ رىقابىتىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمالچىلارنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}