- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گوۋۇيۈەننىڭ ئورگان ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى لايىھەسىگە قاراپ چىقتى
2013.03.12 15:33 مەنبە: خەلق تورى
1- مارت، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق مېھمانسارايدا گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ۋە ئومۇمىي يىغىپ ئېچىپ، ئەڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئەڭ ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورگان ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسىگە داۋاملىق قاراپ چىقىپ، ئاۋاز نازارەتچىلىرىنى سايلاپ چىقتى.
ۋەكىللەر مۇنداق دەپ قارىدى: لايىھە پارتىيەنىڭ 18- قۇرۇلتىيى ۋە ھۆكۈمەت خىزمەت دوكلاتىنىڭ روھىغا، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئۇيغۇن، ئورگان ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش دۆلىتىمىزنىڭ مەمۇرىي تۈزۈلمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
جاڭ چۈنشيەن، نۇر بەكرى، ئەركىن ئىمىرباقى، چې جۈن، ئەسقەت كەرىمباي، خۇاڭ ۋېي، ليۇ شىنچى قاتارلىق ۋەكىللەر قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.
مەركەز ئورگانلىرى ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې جيەنجۇڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەرنىڭ گوۋۇيۈەن ئورگانلىرىنىڭ ئورگان ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسى توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە
${KEYWORD}