باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستاندا ھەر يىلى ئاز دېگەندە 4000 توننا زەھەر ئىشلەپچىقىرىلىدۇ

رۇسىيە ئاساسلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دۆلەت بولۇپ قالغان

2013.03.12 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە ئاخبارات تورىنىڭ 11-مارت خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدراتسىيەسى ناركۇز دورىسى ۋە نېرۋا دورىلىرى ئوبوروتىنى باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋېكتور ئىۋانوف بۇ ئىدارە قۇرۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، ئافغانىستاندىن كىرىۋاتقان خىروئىننى ئازايتالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  ئىۋانوف زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى :« يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ئافغانىستاندىن رۇسىيەگە كىرىۋاتقان خىروئىننى ئازلىدى دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئافغانىستاندا خىروئىن ئىشلەپچىقىرىش توختاپ قالماستىن، ئەكسىچە تېخىمۇ ئومۇملىشىپ كەتتى».

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : «ئافغانىستاندا ھەر يىلى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان زەھەر مىقدارى 4000-8000 توننىغا يېتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كىچىككىنە بىر دۆلەتتە سېتىپ بولغىلى بولمايدۇ، شۇڭا بۇ زەھەرلەرنىڭ يىراق جايدىكى بازارلارغا سېڭىپ كىرىشىدىن ساقلانغىلى بولمىدى، رۇسىيە دەل مۇشۇ بازارلارنىڭ بىرى.

  ئىۋانوف مۇنداق دەپ كۆرسەتتى :« بىز كۆپلىگەن خىروئىن ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە رۇسىيەگە خىروئىن ساتىدىغان تەجىرىبىخانىلارنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق، بۇلار ئاساسلىقى ئافغانىستاننىڭ شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بەدەھشان ئۆلكىسىمۇ بار.»

  ئىۋانوف تۆۋەن مۆلچەرلىگەندە ئافغانىستاندىكى زەھەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش ئومۇمىي سوممىسى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، ئەمما ئەمەلىي ساننىڭ بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى كېسىپ ئېيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە