8-مارت، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فۇ جېڭخۇا بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئورگانلىرى ئۆزلىرى تاللاپ تەربىيەلىگەن 9 نەپەر ساقچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان تىك ئۇچار ئايروپىلان ئۇچقۇچىسى، 5 نەپەر ئايروپىلان خادىمى ۋە شەھەرلىك قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى ھاۋا-يەر بىرلەشمە كونترول قىلىش ئورنىنىڭ 4 نەپەر باشقۇرۇش ساقچىسىنى يوقلىدى. ئۇچقۇچىلارنىڭ ئۈچى ئايال.
ئىگىلىنىشىچە، 9 نەپەر تىك ئۇچار ئۇچقۇچىسىنىڭ تۆتى 2010-يىلى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئىچكى قىسىمدا ئۆتكۈزگەن ئۇچقۇچى تاللاش مۇسابىقىسىدە ئۈزۈپ چىققان ياش ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى بولۇپ، ئۇلار خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ كەسپىي تەربىيلەش ئورگانلىرىغا ئەۋەتىلىپ ئىككى يىل تەربىيلەنگەن. نۆۋەتتە بۇ 4 نەپەر ئۇچقۇچى «ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچقۇچىلارنى تەكشۈرۈش پىروگراممىسى» بويىچە كۈندۈزلۈك ئۇچۇش تۈرلىرىنى تاماملاپ بولدى. كېيىنكى قەدەمدە ئۇلار پىلان بويىچە كېچىلىك ئۇچۇش مەشىقى ئېلىپ بارىدۇ.