باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدىكى ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى

2013.03.12 09:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11-مارت 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئارمىيە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى كۈچەيتىش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، ئۇرۇشتا غەلبە قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى خەلق ئارمىيەسى قۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، ئۇرۇشتا غەلبە قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى خەلق ئارمىيەسى قۇرۇش پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى كۈچەيتىش نىشانى، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش بىر خىل روھ بولۇپ، ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسىي يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ، ئۇرۇشتا غەلبە قىلىش يادرو بولۇپ، ئارمىيەنىڭ تۈپ فۇنكسىيەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ نىشانىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئىستىلدا ياخشى بولۇش كاپالەت بولۇپ، ئارمىيەنىڭ خاراكتېرى، باش مەقسىتى، ماھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، پۈتۈن ئارمىيە ئارمىيەنى كۈچەيتىش نىشانىنى توغرا ئىگىلەپ ، بۇ نىشان ئارقىلىق ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىپ، ئىسلاھات ۋە ھەربىي ئۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى يېڭى سەۋىيەگە تىرىشىپ كۆتۈرۈشى لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە ئارمىيەنى كۈچەيتىشنىڭ بىردەكلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم، ئارمىيە بىلەن خەلق بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات قېلىپىنى ياخشى ئورنىتىش، ئېھتىياج بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش، دۆلەت باشلامچىلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە مۇھىم ساھەلەردە ئارمىيە بىلەن خەلق جىپسىلاشقان تەرەققىيات قېلىپىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش، جاپالىق كۆرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ئارمىيە خىراجىتىنى ياخشى باشقۇرۇپ ۋە ئىشلىتىپ، دۆلەت مۇداپىئە سېلىنمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىناق جەمئىيەتنى ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش لازىم.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فەن چاڭلوڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىن ئاخىرلاشقاندا مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبەرلىرى ئارمىيەنىڭ ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن بىر قىسىم خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە