باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ‹‹ئوقۇغۇچىلار دوپپا كىيىپ جازالاندى›› دېگەن ساختا ئۇچۇر تارقىتىش دېلوسى پاش قىلىندى

2013.03.12 15:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 9 – مارت ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا توردا تارقىغان ئۈرۈمچى شەھىرىدە ‹‹ئوقۇغۇچىلار دوپپا كىيىپ جازالاندى›› دېگەن ساختا ئۇچۇر تارقىتىش دېلوسى پاش قىلىنغان. بۇ چېگرا سىرتىدىكىلەر پىلانلىغان، چېگرا ئىچىدىكىلەر ئېلىپ بارغان پىلانلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتى بولۇپ، چېگرا ئىچىدىكى ئالاقىدار زۇ xx جىنايىتىنى ئۈستىگە ئالغان.

  يېقىندا تورداشلار ئارىسىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23 – ئوتتۇرا مەكتەپ دوپپا كىيگەن 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى تەنھەرىكەت مەيدانىدا ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇپ جازالاپتۇ، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى بېشىدىكى دوپپىنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرۇپ، ئالمىغانلارنى مەكتەپتىن ھەيدەيمىز دەپتۇ، دېگەن گەپلەر تارقالغان. مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ نەق مەيداندىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن تەنھەرىكەت مەيدانىدا بار ئوقۇتقۇچىلارنى تەكشۈرۈپ دەلىللىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23 – ئوتتۇرا مەكتەپتە 5 – مارت دەرس ئارىلىقىدىكى گىمناستىكا ئويناش ۋاقتىدا ئون ئوقۇغۇچى بېشىغا دوپپا كىيىپ مەيداندا يۈگۈرگەن. دەرس ئارىلىقىدا گىمناستىكا ئوينىتىشقا مەسئۇل مۇئەللىم دوپپا كىيىپ ھەرىكەت قىلىش قولايسىز، دەپ قاراپ، ئوقۇغۇچىلارنى بېشىدىكى دوپپىنى ئېلىۋېتىشكە ئۈندىگەن. بۇ جەرياندا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا ھېچقانداق جازالاش تەدبىرى قوللانمىغان ھەم ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن ھەيدەيمىز دېمىگەن. ج خ ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، چېگرا سىرتىدىكى ئىxx توردىن بۇ ئۇچۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىن، يامان غەرەزدە ئاتالمىش ‹‹ئوقۇغۇچىلار دوپپا كىيگەچكە، ئۆرە تۇرغۇزۇلۇپ جازالاندى›› دېگەن ساختا سۈرەتنى ياساپ، ئاندىن بۇ سۈرەتنى چىگرا ئىچىگە تارقاتقان. ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى بار زۇ xx توردا سۈرەتنى تارقىتىپ، ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، پاكىتنى قەستەن بۇرمىلاپ، ۋەقە پەيدا قىلماقچى بولغان.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى: قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر، مەيلى قانداق ئادەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قەستەن ئىغۋاگەرچىلىك قىلسا، ئىغۋا تارقاتسا، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرىكەت قىلسا، قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ، دېدى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە